باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى جەمئىيەتكە «دەۋر ئۈلگىسى» ۋاڭ يۇڭ ۋە ماۋ فېڭمېينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

2015.06.30 11:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 26-ئىيۇن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە «دەۋر ئۈلگىسى» ۋاڭ يۇڭ ۋە ماۋ فېڭمېينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى.

  ۋاڭ يۇڭ شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېڭى شەھەر شۆبە ئىدارىسى خەنسېن كەنتى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شيەندۇڭ مەھەللىسىنىڭ ساقچىسى. ئۇ مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، بۇرچىغا قاتتىق ئەمەل، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، قاراشلىق رايوندىكى ئاممىغا بار كۈچى بىلەن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئادەتتىكى خىزمەت ئورنىدا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ماۋ فېڭمېي ھايات چېغىدا لياۋنىڭ ئۆلكىسى فېڭچېڭ شەھىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى لىشۇ كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى. ئۇ شۇجى بولغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جاپالىق ئىگىلىك يارىتىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ئىلگىرىكى نامرات كەنتنى باي، مەدەنىي سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىققان، ئۇ يېڭى دەۋىردىكى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيىلىك كادىرلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر