باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى نۇسخىدىكى پويىز بېلىتى 8- ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىكەن بىلەتكە ۋوگزالغا يىتىپ بېرىش ۋاقتى بېسىلماپتۇ

2015.06.24 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرى يولۇچىلار كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلگەن «ۋوگزالغا يىتىپ بېرىش ۋاقتى» يەنىلا بېلەتكە بېسىلمىغان.

  بۇ يىل 3- ئايدا پويىز بېلىتىنىڭ ئارقا تەرىپىگە «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» بېسىلغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ تۈمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بېلەتنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى ئۇچۇرلارغا ئازراق تەڭشەش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىدىكى پويىز بېلىتى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدىكەن.

  بيېجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭى نۇسخىدىكى پويىز بېلىتى يۈزىدىكى ئۇچۇرلار ئازراق تەڭشەلگەن، ئىلگىرى يولۇچىلار كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلگەن «ۋوگزالغا يىتىپ بېرىش ۋاقتى» يەنىلا بېلەتكە بېسىلماپتۇ. تۈنۈگۈن 12306 مۇلازىمەت خادىمىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 20- ئىيۇندىن 31- ئىيۇلغىچە پويىز بېلىتىنى يېڭى نۇسخىغا يەڭگۈشلەش مەزگىلىدە قەدەم قويىدىكەن، ئىككى خىل بېلەت تەڭ ئىشلىتىلىدىكەن، 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت دائىرىسىدە يېڭى نۇسخىدىكى بېلەت ئىشلىتىلىدىكەن.

  يېڭى نۇسخىدىكى پويىز بېلىتىنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟ بېلەت يۈزىدە مۇنداق تۆت ئۆزگىرىش بولىدۇ:بىرىنچى، يېڭى نۇسخىدىكى پويىز بېلىتىدە قوزغىلىش ۋوگزالى بىلەن مەنزىل ۋوگزال نامىنىڭ كەينىگە «站» دېگەن خەت قوشۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئەسلىدىكى بېلەتنىڭ ئوڭ تەرەپ بولۇڭىدىكى بېلەت سېتىلغان بېكەت ئۇچۇرى بېلەتنىڭ ئاستىدىكى 21 خانلىق بېلەت سېتىش كود نومۇرىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، ئەسلىدىكى بېلەتنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك كود نۇمۇرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بېلەت تەكشۈرۈش ئورنى ئۇچۇرى بېلەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىغا تەڭشىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، يولۇچىنىڭ كىملىك نۇمۇرى ۋە ئىسىم- فامىلىسى قاتارىسىغا بېسىلىدۇ؛ تۆتىنچى، بېلەت يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يەنە« بېلەت سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 12306 گە، مال سالماقچى بولسىڭىز 95306 گە تېلېفۇن قىلىڭ » دېگەن خەت بېسىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر