باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لى باۋدۇڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى شەرھلىدى

2015.06.30 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدۇڭ تۈنۈگۈن ۋېيىنادا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇگايلىنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى قاتارلىق كىشىلەر يىغىنغا قاتناشتى، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابكوف ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى باۋدۇڭ يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرغان پەيتتە ئېچىلدى، يىغىن ئىجابىي بولدى، يىغىننىڭ كېيىنكى سۆھبەتكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىنتايىن مۇھىم، سۆھبەت ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى داۋاملىق ئادىل، ئوبيېكتىپ مەيداندا تۇرۇپ، جانلىق، ئىجابىي پۇزىتسىيە بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان، ئادىل، تەڭپۇڭ بولغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر