باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ

2015.06.30 11:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 2014-يىللىق مەركەز خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى دوكلاتى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى ئىنتايىن تەپسىلىي، سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى مەخسۇس ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىپتۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى چوڭقۇر، ئىنچىكە بولۇپ، مالىيە خامچوت، نەقچوتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ ۋە تەھلىل قىلىنىپتۇ ھەم تەكلىپ بېرىلىپتۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى خامچوت قانۇنىدا، خامچوتنى ئاشكارىلاش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش ئومۇميۈزلۈك بەلگىلەندى، لېكىن ئەمەلىي خىزمەتلەر تېخى پۈتۈنلەي ئاشكارا، ئېنىق ئەمەس، بىز ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجراسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى دوكلاتى، مەخسۇس مەبلەغنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دوكلاتى، مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتلىرىنى تەدرىجىي توردا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت ۋە جامائەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەشتە، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، كونكرېت تۈزەش لايىھەسى، ۋاقىت جەدۋىلى، نىشان ۋە تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئاددىيلا تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدۇ. تەكرار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلسىمۇ، تەكرار خاتالىق سادىر بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، مالىيە، باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە، باج قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى خامچوت قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر