باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر: يېشىل ئىقتىساد بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈلسە

2015.06.30 11:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇتەخەسسىسلەر «بىر بەلباغ، بىر يول رامكىسىدىكى يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇنىبىرى» دە يېشىل ئىقتىسادنى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. جۇڭگو تەرەققىيات تەتقىقات فوند جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لۇ مەي مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگونىڭ مۇھىم ئىستراتىگىيەسى، بىر بەلباغ، بىر يول ئارقىلىق خەلقئارا بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى، تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدۇ. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات، تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شىجىن مۇنداق دەپ قارىدى: بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى يېشىل نۇقتىنەزەر، ئۇسۇل، قاراش بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە كاپىتالىنى ھېسابلاش، مىقدارىنى باھالاش ئارقىلىق، يېشىل تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى يې شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 30 نەچچە يىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىر گېنېراتورلىرى دۇنيادا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، ئەمدى ئۈستۈنلىكىمىزنى جارىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنى ئېچىپ، خەلقئارا رىقابەتنى تېزلىتىپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم دۆلەت ھالقىغان ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارساق بولىدۇ. تاشقى ئىقتىساد سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى گۇيجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە كاپىتال ھېساباتىنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە قورالىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىشى، بىرى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانىنى تۈزۈشى، يەنە بىرى، ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، مەمۇرىيەت تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، چىرىكلىكنى ئازايتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر