- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى: گىرېتسىيەنىڭ جىددىي ھەرىكەتچان ياردىمى بېرىش چېكى ئۆزگەرمەيدۇ
2015.06.30 09:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 28-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى باشقۇرۇش كومىتېتى گىرېتسىيەنىڭ جىددىي ھەرىكەتچان ياردەم بېرىش چېكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلاپ، بۇنىڭ كۆلىمىنى 26-ئىيۇندىكى سەۋىيە بىلەن بىردەك قىلىشنى قارار قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى گىرېتسىيە مەركىزى بانكىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جىددىي ھەرىكەتچان ياردەم بېرىش ياۋرو رايونىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولغان بانكىلارنىڭ دائىملىق پۇل مۇئامىلە مەشغۇلاتى ئاستىدا، ئۆزى قاراشلىق دۆلەت بانكىسىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈىغان بىر خىل ۋاسىتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نىسبىتى دائىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر