باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا مەبلەغ بانكىسى رەسمىي ئىمزالاندى

جۇڭگو، ھىندىستان، روسىيە ئۈچ چوڭ پايچىكى بولدى

2015.07.01 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 29-ئىيۇن، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرى لوۋ جىۋېي جۇڭگو تەرەپنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ، «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى»گە ئىمزا قويدى. شۇ كۈنى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى (ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى)نىڭ قۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغان 57ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى بېيجىڭدا «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى»گە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، جۇڭگو 29مىليارد 780مىليون 400مىڭ دوللارلىق پاي بىلەن %26.06پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، نۆۋەتتىكى ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكى ھەم بېلەت تاشلاش ھوقۇق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ قالدى. ھىندىستان ۋە روسىيە ئايرىم ھالدا %7.5ۋە %5.92پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر