مۇخبىرنىڭ 28-ئىيۇن كەچ سىچۇەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھەرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، نەنجياڭ ناھىيەسىدە 27-ئىيۇن سائەت 20:00 دىن باشلاپ ياغقان قارا يامغۇر تۈپەيلى پەيدا بولغان كەلكۈن بۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00لەر ئەتراپىدا «چېكىنگەن»، قارا يامغۇردا باخې دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپ كېتىپ، كەلكۈن پەللىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېقىم مىقدارى سائىتىگە 11 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن. بۇ قېتىمقى قارا يامغۇردا نەنجياڭ ناھىيەسىنىڭ 48 يېزا-بازىرىدىكى 485 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 238 مىڭ ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن، نەچچە يۈز ئاپتوموبىل سۇدا قېلىپ، كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلانغان. نۆۋەتتە زىيان ئەھۋالى ئىستاتىستىكا قىلىنماقتا.