باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭلىق ئاخباراتچىلار پاتىگۈل، نەن شياڭخوڭ: شىنجاڭدىكى تەسرلىك ھېكايىلەرنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرەيلى(1)

2015.06.29 16:31   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭلىق ئاخباراتچىلار پاتىگۈل، نەن شياڭخوڭ: شىنجاڭدىكى تەسرلىك ھېكايىلەرنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرەيلى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇلار ئىككىلىسى شىنجاڭدا چوڭ بولغان، ئىككى تال ئەتىرگۈلگە ئوخشاش، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ مۇنبەت زېمىنىدا خۇشپۇراق چېچىۋاتىدۇ.

  پاتىگۈل ۋە نەن شياڭخوڭ، ھازىر ئايرىم ـ ئايرىم «يۈياۋ گېزىتى» ۋە «جەنۇب شەھەر گېزىتى»دە ئىشلەيدۇ، ئۇلار ئىچكىرىدە تەرەققىي قىلغان شىنجاڭلىقلار بولۇپ، نىڭبو ۋە گۇاڭجۇدا ماكانلاشقان.

  بۇ ئىككەيلەن ئىچكىرىدە 20 يىلدەك تىرىشىپ ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويمىدى؛ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قايتىدىن جەملىدى.

  2010-يىلدىن ھازىرغىچە، پاتىگۈلنىڭ «قوزىچاق بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن مەخپىيەتلىكلەر»، «شالغۇت كەنت»، «سىرلىق يۇرت» ۋە «يوقالغان ئانا»قاتارلىق تۆت پارچە نەسىرلەر توپلىمى نەشىردىن چىقتى. بۇ تۆت پارچە ئەسەرنىڭ ھەممىسى ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي ــ يۈياۋ بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تارباغاتاي ساۋەن ناھىيەسى كونا ساۋەن بازىرى دالياڭپو كەنتى ئۈچۈن ئەسەر يازىدۇ.

  نەن شياڭخوڭ دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تاراتقۇلاردا نەچچە يۈز مىڭ خەتلىك خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاسانلا ئۇنتۇلىدىغان خەۋەرلەر ئىچىدىن مەڭگۈلۈكنى تېپىپ چىقتى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىت كۈچ سېلىشتۇرۇلمىسىغا باھا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى «جۇڭگوچە ئالاھىدە ئەسەر» بولۇپ باھالانغان. ئۇ 2011-يىلى نەشىر قىلغان «شىنجاڭدىكى روھ ــ غەرپ بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ غايەت زور ئۇچرىشىشى ۋە يۇغۇرۇلمىسى»نى نەشىردىن چىقارغان بولۇپ، مۇخبىرلىقنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدىكى كۆزىتىش ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان 30 يىلدەك ۋاقىتتىكى غايەت زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى ئانتروپولوگىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزىتىپ، خەۋەر ئامىلىرى بىلەن يېزىپ چىققان.

  يېقىندا، ئىككەيلەن تېلېفوندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش لازىم، دېگەن。

  ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشى

  مۇخبىر: شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، كۆزىتىش، خاتىرىلەش سىلەر ئىككەيلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇپتۇ، مەن ئىككىڭلارنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىر ئوخشاشلىقنى يەنى ئەڭ ياخشى ماقالىلىرىڭلارنىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى بايقىدىم.

  نەن شياڭخوڭ: شىنجاڭنىڭ سۆيۈش، شىنجاڭنى يېزىش، مېنىڭ چۈشۈمدىمۇ ئىنتىلىدىغان ئارزويۇم. شىنجاڭدا تۇرغاندا ئەينى چاغدا كۆرگەنلىرىمىز ئاز، ئوقۇغان كىتابىمىز ئاز، چۈشەنچە يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. مەن شىنجاڭدىن چىققاندا، ئوخشىمىغان تەپەككۇر نۇقتىسى ۋە كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ شىنجاڭنى كۆزەتتىم، شىنجاڭنى كۆزىتىشىم تېخىمۇ موللاشتى، چوڭقۇرلاشتى.

  پاتىگۈل: مەن يازغان «ئەڭ ئاخىرقى كۇچا پادىشاھى»دەك، مېنىڭ شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدە 20 يىلدىن كۆپرەك كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىم مېنىڭ ئىچكىرىدىكى شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇقتىدا تۇرۇپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، كونا يېڭى ئالمىشىش ئوتتۇرىدىكى ئويغۇرچە ھېكايىلەرنى يازسا، بايان قىلغۇچىلار شۇنداقلا بايان قىلىنغۇچىلار ناھايىتى تېزلا پەيدا بولىدۇ. مەن كۇچانى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنى شىنجاڭ سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە بايان قىلىپ، ئارىلىق ساقلاپ، ئەڭ ياخشى بولغان كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە كىرىش نۇقتىسنى تاپىمەن.

  مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشىشى كەڭ قورساقلىققا مۇھتاج

  مۇخبىر: پاتىگۈل سىزنىڭ «يۈز يىللىق قانداشلىق» ناملىق كىتابى بۇ نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، سىز ئىلگىرىمۇ دەپ ئۆتكەن، «مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ تېمىسى بىر يەنى: مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشىشى.»

  پاتىگۈل: مەن ئىككى خىل مەدەنىيەت ئارىسىدا پولات سىمدا ماڭىمەن، يامان ئەمەس ماڭالايمەن.

  بىز قانداق ئۇسۇلدا شىنجاڭنى بايان قىلىشىمىز كېرەك؟ قايسى تىل بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىمىز؟ بۇمۇ بىر ھالقىلىق مەسىلە. مەن خەنزۇتىلىغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.ئەگەر 20 نەچچە يىللىق ئۇيغۇر تىلىلىق مۇھىتىم بولمىغان بولسا، مېنىڭ بەلكىم شىنجاڭغا قايتىدىغان يېزىقىم بولۇشۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا يۇرتۇمغا بولغان ھېسسىياتنىمۇ چۈشەنمەسلىكىم مۇمكىن. مەن ئىككى خىل مەدەنىيەت ئارىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەچكە، ئوقۇرمەنلەر، مېنىڭ پىكىر نۇقتامنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قۇپقۇرۇق نەرسىلەردىن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىزىپ چىقىمەن.

  مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشىشىگە قارىتا بىز كەڭ قۇرساق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك. بىر ئادەم ياكى بىر مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى سىرتقى قىسىمدىكى مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ قانچىلىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ بىر ئاددىي پرىنسىپ. سوقۇلۇش ئىناقلىقنىڭ ئالدىنقى رېتىمى، ئىككى خىل مەدەنىيەت چوقۇم سۈركىلىشىدۇ، سوقۇلىدۇ، بۇ بولسا بىرىكىشنىڭ ئالدىنقى رېتىمى. بىرىكىش بولمىسا چەكلىنىپ قالىدۇ.

  مۇخبىر: نەن شياڭخوڭمۇ ئوخشاشلا شىنجاڭغا بولغان سۆيگۈسى شىنجاڭنى تەتقىق قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەدەنىيەت ئېڭى قىلىپسىز، سىزنىڭ مۇخبىرلىق ھاياتىڭىزدا، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىش ۋە شىنجاڭنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيەلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۆزگىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ شەرق، غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىشىدىكى ئۆزگىچە ئورنىنى نامايان قىلدى.

  نەن شياڭجوڭ: مەن تۇرپاندىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، 24 خىل يېزىقنى بايقىدىم. ئەينى يىللىرى بۇددىزىمنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستاننىڭ سانسىكرىت تىلىدىن سوغدا يېزىقى ياكى ئۇيغۇر يېزىقىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىناتتى. شىنجاڭنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى تۇرمۇشى، ئىلگىرىكى مەدەنىيەتتىن بەھىرلىنىش ئىدى. بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كىچىككىنە ھاسىلاتلارغا كۆپچىلىك ئاددىي قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن مېڭىپ كەلگەن.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…