كۆپچىلككە ھەقىقىي شىنجاڭنى ئېيتىپ بېرىڭ
مۇخبىر: شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان زىمىننى ۋاقىتلىق كۆزىتىش ئارقىلىقلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستىراتىگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە شىنجاڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد تۈگۈنى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭمۇ يېڭى بىر نۇقتىدا كۆزىتىلىشكە ئېھتىياجلىقمۇ قانداق؟
نەن شياڭخوڭ: بىر قانچە چوڭ مەدەنىيەتنىڭ جۇغلانمىسى، نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ سىغىشىشى بولغان دۇنيادا شىنجاڭغا ئوخشاش يەنە بىر جاي يوق. دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بىرلا ۋاقىتتا 20 نەچچە خىل تىل ـ يېزىق قوللىنىۋاتقان يەر بار ئىكەن؟ يەنە قەيەردە بىر قانچە چوڭ دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان؟
شىنجاڭ تارىختىن بۇيان يولدىكى تۆت كوچا بولۇپ كەلگەن، ھەر قايسى مىللەتلەر مۇشۇ جايدا يىغىلغانلىقتىن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن. «دېڭىز ئۈستىدىكى يىپەك يولى» بار بولغاندىن بۇيان، بۇ قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى كۆپ يىللاردىن بۇيان تاشلىنىپ قالدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھازىرقى باسقۇچتا شىنجاڭدا پۇرسەت ۋە خىرىس بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئېتىبار بېرىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭغا نىسبەتەن چوڭ بىر پۇرسەت ھەمدە تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىر قانچە مەدەنىيەت ئۇچرىشىشىنى قايتا قۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن.
پاتىگۈل: بۇ يىل، مەدەنىيەت جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەن يۇرتۇمغا قايتتىم، ھازىر كۇچا ناھىيەسى ئاغ يېزىسىدىكى بىر كەنتتە شىنجاڭغا مەدەنىيەت ياردەمچىسى مۇخبىرى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. مەن كۇچاغا، كورلىغا باردىم. كورلىنىڭ توز دەرياسى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىكەن، كەچلىرى كۆلنىڭ ئىككى قاسىنىقدىكى چىراقلار يىقىلىپ، نىڭبودىكى سەنجياڭكودىن قىلىشمايدىكەن. مەن كۇچاغا كەلگەندە، بۇ يەردە يېڭى رايون قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقاپلا قالماي، كونا رايونلارنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ساقلانغانلىقىنى بايقىدىم. مەن يەنە كۇچادا ئىككى يىل تۇرىمەن، مەن بۇ يەردە رومان «ئاخىرقى كۇچا ۋاڭى» ناملىق ئەسىرىمنى يېزىپ، «خەلق ئەدەبىياتى»نىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ئاچقۇچلۇق سۆز» سەھىپىسىگە يېزىپ بەرمەكچى بولغان ئەسرىمنى تاماملاش بىلەن بىرگە بىر پارچە دوكلات ئەدەبىياتى ــ نىڭبونىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلىرى ئارىسىدىكى ھېكايىلەرنى يېزىپ، كىشىلەرگە ھەقىقىي شىنجاڭنى ئېيتىپ بېرىمەن.