باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يەرنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

2015.06.29 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىكى 24 مىڭدىن ئارتۇق ئىقتىسادىي تەپتىش خادىمىنى تەشكىللەپ، 29 ئۆلكە، 299 شەھەرنىڭ ئۆز دەرىجىلىك يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىم-چىقىمى ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ئەھۋالى ھەم 709 ناھىيەنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىم-چىقىمى ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، 118 مىڭ يۈز خىل يەر، ئون مىڭدىن ئارتۇق يېزىنىڭ يەرلىرىنى تۈزەش تۈرىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جۇغراپىيە ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، تېرىلغۇ يەر باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پىلاندىن ئارتۇق تەستىقلاش، ھوقۇقتىن ھالقىپ ياكى بۆلۈپ تەستىقلاش، ئاز تەستىقلاپ كۆپ يەر ئېلىش ياكى تەستىقلىماي ئالدىن يەر ئېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېلىنغان يەر 380 مىڭ گېكتار، بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىشىم تۈزۈپ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ساختا كىم ئارتۇق قىلىپ ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تەمىنلىگەن يەر 140 مىڭ گېكتار بولغان. بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ تۆۋەن باھالىق يەر سېتىۋېلىشى، قانۇنسىز يەر ھايانكەشلىكى قىلىشى ئۈچۈن يول مېڭىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي تەپتىشتە يەنە قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، ئېغىر زىيان ۋە ئىسراپچىلىق، قالايمىقان قىلمىش قاتارلىق مەسىلىلەر، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈش، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈش، ئوتتۇرىدىن نەپ ئېلىش، يەر ھايانكەشلىكى قىلىش ئارقىلىق ھارام نەپكە ئېرىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىپ ۋە ئىنكاس قىلىنىپ، قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلىنمىدى.

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى مەسىلىلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، جايلار ئاق قالغان 25 مىڭ 500 گېكتار يەر، ئىشلىتىلمىگەن 264 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئىشقا سېلىپ، 24 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ يەر ئىشلىتىش قىلمىشىنى تۈزىتىپ، 2500 دىن ئارتۇق ئادەمنى بىر تەرەپ قىلدى، 2800 دىن ئارتۇق تۈزۈمنى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يەنە ئالاقىدار تارماقلارغا قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 397 نى ئۆتكۈزۈپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر