چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق مۇخبىر بىرەندو ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى بىر كۈن كېيىشكە تەۋەككۈل قىلىپ، 12 سائەتكە بارا-بارمايلا ‹‹ تەسىلم ›› بولغان.
ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقتىن ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلىغان بىرەندو ئاخىرى ئۆزى بىر سىناپ كۆرۈش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ نەقەدەر ‹‹ چىدىماس ›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى بىر كۈن كىيىپ نورمال خىزمەتتە بولماقچى بولغان، ئەمما ئۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كىيگەن ھامان قارارىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بىرەندو لەۋزىدىن يانماسلىق ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىشنى داۋاملاشتۈرغان. ئەمما 12 سائەت بولا-بولمايلا تەسلىم بولۇپ ۋايساشقا باشلىغان. ئۇ: بۇ ئاياق ئەمەس، جازا قۇرالى ئىكەن. مېنىڭ ھازىر پەقەت ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنى يەپ، ئۇخلاپ قالغىم، بۇ قاباھەتلىك بىر كۈننى ئەبەدى ئۇنتۇم كەتكۈم بار، دېگەن.