جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا 27 - ئىيۇن قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايى داۋاملىق كۆرۈلگەن بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان ھەمدە سائەت 9:30 دا پەۋقۇلئاددە زور مېتېئورولوگىيە ئاپىتى 3- دەرىجىلىك جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويغان.