خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسى 26-ئىيۇن دۆلەت يىغىن مەركىزىدە باشلاندى، كۆرگەزمىدە شىنجاڭ قومۇلدىن بايقالغان 108 خىل غەلىتە تاشتىن تەشكىللەنگەن «غەلىتە تاشلار زىياپىتى» ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىنجاڭ قومۇلنىڭ غەلىتە تاشلىرى تۈرىنىڭ كۆپ، سۈپىتىنىڭ ياخشى، دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق. يەرلىكتە نۆۋەتتە ھېقىق، قاشتېشى، مالاخىت قاتارلىق نۇرغۇن غەلىتە تاشلار بايقالغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى