باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىدىن پايدىلىنىدۇ

2015.07.02 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل ئالىي مەكتەپلىرى نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (مائارىپقا يەنە بىر نۇقتىدىن نەزەر سېلىش)

  يىلدا بىر قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگو ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشى توغرىسىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى جۇ فامىلىلىك خانىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، 100 نەچچە جۇڭگو ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدۇق. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ جايدىكى 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىدىغانلار چەك سىزىقىدىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار 7-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا يۈزتۇرانە سىناققا قاتنىشىدۇ، ئىككى نۆۋەتلىك شاللاشتىن كېيىن، كۈزدە سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كېلىدۇ.

  جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى «IELTS»، «TOFEL» قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتناشماستىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن بەزى چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

  دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتى نېمىگە ئارىلىشىدۇ؟ ئەسلىدە، بۇ سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈنجى قېتىم جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە يۈزتۇرانە سىنىقى نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ئىكەن. جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى «IELTS»، «TOFEL»، شۇنداقلا «SAT» (سەۋىيەسىنى باھالاش سىنىقى) قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتناشماستىن ھەم باشقا ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتمەستىن، سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئەڭ ئاۋۋال ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىكەن، ھازىر، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، موناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن داڭلىق مەكتەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ئۆلچەم قىلدى. لېكىن، بۇ مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشتا «IELTS»، «TOFEL» قاتارلىق تىل ئىقتىدارىنى ئىسپاتلايدىغان ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى يوللاش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ نەتىجىسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىدىن سىرت، «IELTS» ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ 6.5 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتى قوللانغان تەدبىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقتى ۋە زېھنىنى تىجەپ قالدى. جۇڭگو قانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ ياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: چەت ئەل ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش بازىرى بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتىن جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشىنى يەنىمۇ كۆپ يول ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلەپ، يەنىمۇ كۆپ جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مائارىپ قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر