سۈرەتتە:1-ئىيۇل، جىئەن شەھىرىدىكى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر-سىستېرالىرى ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىغان كورېيەلىكنى داۋالىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇكۈنى، 28 ئادەم (26 كورېيەلىك، 2 جۇڭگولۇق) ئولتۇرغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يەنجى شەھىرىدىن دەندۇڭ شەھىرىگە بېرىش سەپىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈزبەردى. سائەت 21 گىچە 10 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭدىن باشقا 18 يارىدار داۋالىنىۋاتىدۇ. ھادىسە سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە، شۇ جايدىكى شەھەرلىك پارتكوم ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملارنى پائال تەشكىللەپ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى