- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش قانۇن لايىھەسى ئاز ساندىكى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ماقۇللانمىدى
2015.06.19 16:18 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، شياڭگاڭ 18-ئىيۇن تېلېگراممىسى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشى 18-ئىيۇن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان باش مەمۇرنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى. قانۇن چىقىرىش كېڭىشىدىكى 70 كېڭەش ئەزاسى ئىچىدە 28 كىشى قارشى ئاۋاز بەردى، شۇ سەۋەبلىك قانۇن لايىھە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئومۇمىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋازىغا ئېرىشەلمەي ماقۇللانمىدى.
بۇ 2017-يىلى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5-باش مەمۇرىنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىش چارىسىنى يولغا قويغىلى بولمايدىغانلىقى، داۋاملىق باش مەمۇر سايلاش كومىتېتى تەرىپىدىن سايلاش چارىسى قوللىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
18-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى كۈتىۋالغاندا: قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ 28 كېڭەش ئەزاسى سىياسىي ئىسلاھات لايىھەسىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش نىشانىغا يېتەلمىدۇق، شياڭگاڭنىڭ دېمۇكراتىيە مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى، بۇ مېنى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە شياڭگاڭ خەلقىنى قاتتىق ئۈمىتسىزلەندۈردى دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر