باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، جۇڭگو ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش

جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ دۆلەت ھالقىغان تۇنجى توختامى ئىمزالاندى

2015.06.19 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لىن شۆدەن، چېن شياۋۋېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو بىلەن روسىيە بۇلتۇر 10-ئايدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. سۈرەتتە: 3-نۆۋەتلىك موسكىۋا خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى ئېچىلغان مەزگىلدە روسىيەلىك تاماشىبىنلار جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئىسخىمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز چېن شياۋۋېي فوتوسى)

  جۇڭگو-روسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى رامكىسى ئاستىدا، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول 2-ئاكادېمىيەسى قۇرۇلۇش گۇرۇھ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقان روسىيەنىڭ تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پىلان لايىھە توختامى 18-ئىيۇن سائىنت پېتىربۇرگتا ئىمزالىنىپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ دۆلەت ھالقىغان تۇنجى توختامىغا ئايلاندى ھەم جۇڭگو-روسىيەنىڭ بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئەمەلىيىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك بىر قەدەمنى باستى.

  جۇڭگو روسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر ئابىدىسى تىكلەندى

  بۇ يىل 3-ئايدا روسىيە تۆمۈر يول شىركىتى موسكىۋادىن قاراقۇرۇم تېغى بۆلىكىگىچە تۆمۈر يول يول قۇرۇلۇشى بويىچە چارلاش، لايىھەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بويىچە ئاشكارا خېرىدار چاقىردى. موسكىۋا دۆلەتلىك تىرانسىپورت شىركىتى چارلاش لايىھەس ئورنىنىڭ رەھبەرلىرى، شانوفگىلود مېترو لايىھىلەش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو تۆمۈر يول 2-ئاكادىمىيەسى قۇرۇلۇش گۇرۇھ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو روسىيە بىرلەشمە گەۋدىسى ئوڭۇشلۇق خېرىدار بولدى. پىلان بويىچە موسكىۋادىن قاراقۇم تېغى بۆلىكىگىچە ياسىلىدىغان تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 770 كىلومېتىر بولۇپ، روسىيەدىكى 7 فىدىراتسىيە گەۋدىسىنى ھالقىغان، 25 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئومۇمىي لايىھە بويىچە 15 پويىز ئىستانىسىسى تەسىس قىلىنىدۇ. تۆمۈر يولنىڭ يۇقىرى سۈرئىتى 400 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، رېلىس ئارىلىقى 1520 مىللىمېتىر كېلىدۇ.تۈر پىلانى 2018-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر