باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يەنە نىشان بېكىتتى، ئۈچ يىلدا 18 مىليون يۈرۈش ئۆي سېلىنىشى كېرەك

2015.06.19 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن نەچچە يىلدىن بېرى ئېلىمىزدە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، قىسمەن جايلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردە يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قىستىلىپ تۇرىۋاتقانلىقى، ئوخشاش بىر شەھەرنىڭ بۇ تەرىپى ئېگىز ئىمارەت بولسا، يەنە بىر تەرىپىنى تۇتاش كەتكەن كەپىلىك مەھەللە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. نۇرغۇن كەپىلىك مەھەللە ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان!»دېدى زۇڭلى لى كېچياڭ 17-ئىيۇن ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا.

  كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئىزچىل زۇڭلى لى كېچياڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قۇرۇلۇش شۇنىڭدەك ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەكشۈرۈپ -تەتقىق قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنىڭ بىرى. 2015-يىلى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكىلات»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە يېڭىدىن 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىپ، 1 مىليون 100 مىڭ يۈرۈش كۆپەيتىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەرلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. يېزىلاردا خەتەرلىك ئۆيدىن 3 مىليون 660 مىڭى ئۆزگەرتىلىپ، ئۆزگەرتىلىدىغان ئۆي بىر مىليون يۈرۈش كۆپەيتىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  17-ئىيۇن ئېچىلغان يىغىن يەنە مۇشۇ ئاساستا «ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆزگەرتىش تۈرى شەھەرلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل كەپىلىك مەھەللىدىن 18 مىليون يۈرۈشنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەردىن 10 مىليون 60 مىڭنى ئائىلىلىكنى ئۆزگەرتىش، جامائەت قاتنىشى، سۇ، گاز، پار، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر