خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ19 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان 30 قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى «قەشقەرلىكلەر» ئىيۇننىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىدە رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى. 1- ئاۋغۇست كىنو ئىستودىيەسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تەڭرىتاغ تولۇن ئاي مەدەنىيەت ساياھەت ئېچىش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە 24 مىليۇن يۇەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ سۈرەتكە ئالغان بۇ كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىدا قەشقەرنىڭ مەنزىرىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىلدىغان بولۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىپ مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 1- يۈرۈش قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا ئېلىمىزدىكى كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
سۈرەتتە: سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى