باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تەرەپ پۇلىنى خەجلەپ بولالمايدۇ، بىر تەرەپ خەجلىگىدەك پۇل تاپالمايدۇ

2015.06.18 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل ئاخىرىغىچە شەھەر-يېزا داۋالاش ياردىمى تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ياردەم مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ خۇا، مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مەھكىمىسى داۋالاش كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جياڭ يۈ، جۇڭگو سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جېنجۇڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى يېقىندا كۆچۈرۈپ تارقاتقان خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ «داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور ۋە پەۋقۇللاددە زور كېسەللارنى داۋالاش ياردىمى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى يېشىپ بەردى.

  مەملىكىتىمىز 2003-يىلى يېزا داۋالاش ياردىمىنى يولغا قويدى، 2005-يىلى شەھەرلەر داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى ئورناتتى. جياڭ يۈ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى خىل تۈزۈم ئىزچىل مۇستەقىل يۈرگۈزۈلدى، مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۆزئارا يۈرۈشمىدى، بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپ پۇلىنى خەجلەپ بولالمايدىغان، بىر تەرەپ خەجلىگىدەك پۇل تاپالمايدىغان مەسىلە پەيدا بولدى. مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2013-يىلى «شەھەر-يېزاس داۋالاش ياردىمى فوندىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا داۋالاش ياردىمىدىن ئىبارەت ئىككى ھېساباتنى بىرىكتۈرىۋېتىپ، بىر تۇتاش پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، «پىكىر» دە جايلارنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شەھەر داۋالاش ياردىمى تۈزۈمى بىلەن يېزا داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى، ئىككى خىل مەبلەغ ھېساباتىنى بىرىكتۈرۈپ، داۋالاش ياردىمى سىياسىتى، نىشانى، مەبلەغ غەملەش، ئوبيېكىتلارنىڭ دائىرسى، ياردەم ئۆلچىمى، ياردەم تەرتىۋى قاتارلىق جەھەتتە شەھەر بىلەن يېزىدا ئوخشاش بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر