باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي تەپتىش 12 مۇھىت جىنايى دېلوسىنى نازارەت قىلدى

2015.06.18 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16-ئىيۇن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلغان خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇش، مۇھىت بۇلغاشنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇش، جىنايەت ئەھۋالى يامان بولۇشقا ئالاقىدار تۇنجى تۈركۈمدىكى 12 مۇھىت بۇلغاش جىنايى دېلوسىنى نازارەت قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن، كېڭىشىش، نازارەت قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى ئورناتقان. جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش جەريانىدا، ئالاھىدە كىچىك مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. فۇجيەن، جېجياڭ، ئىچكى موڭغۇل، خەينەن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭشى، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى مەخسۇس خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالىغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتە سەككىز ئايلىق مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇشنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، بۇ يىل يەنە ئىككى يىللىق مۇھىت بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇشنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، دېلولارنى يۆتكىمەسلىك، دېلو بار بولسا تۇرغۇزماسلىق، جازالاشنىڭ ئورنىغا جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىكەن ھەم تۈزەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر