- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
2015.06.18 16:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىكى بىر قاتار ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلدۇق، ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يىل ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياپونىيەنىڭ تارىخ مەسىلىسىدىكى سۆز-ھەرىكىتى ۋە ھەربىي بىخەتەرلىك سىياسىتى يۆنىلىشى جۇڭگو ھەمدە ياپونىيەنىڭ قوشنىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكىلەرمۇ بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر