باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ ئىنىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.06.18 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، ئامېرىكا مىئامى، 15- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى جىب بۇش 15- ئىيۇن 2016- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىدى ھەم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ۋاشنگتوندا ئومۇملىشىپ قالغان ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىشتەك سىياسىي مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلىمەن ،دېدى. جىب بۇش شۇ كۈنى فىلورىدا ئىشتاتىتىنىڭ مىئامىدا سايلام رىقابىتى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا،«بىر ئىزدا توختاپ قىلىش»نى ئەيىپلىدى ھەم «ئەركە سەرخىللار»غا توپلانغان ۋاشنگتون ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېدى ھەم ۋاشنگتوندا ئومۇملىشىپ قالغان مەنپەئەت گۇرۇھى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالىدىغان سىياسىي مەدەنىيەت ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  جىب بۇش شۇ كۈنى سايلام رىقابىتى نۇتقىدا مۇنداق دېدى: دېمۇكراتچى ھىلارى كېلېنتون ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ بىر قاتار كىرىزىسلەرنى پەيدا قىلدى، مۇبادا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسام ھەربىي كۈچلەر قۇرۇلۇشىىنى زورايتىمەن.

  بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن جىب بۇش سىياسىي جەمەتتىن، ئامېرىكىنىڭ 41- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ئوغلى، 43- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جۇرجى بۇشنىڭ ئىنىسى. بۇش جەمەتىنىڭ سىياسىي تەسىرى، بولۇپمۇ كىچىك بۇش زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان، جىب بۇش زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ جەمەتىنىڭ سىياسىي تەسىرىگە ئۇچرايدىغان- ئۇچرىمايدىغانلىقى توغرىسىدا گۇمانىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن.

مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر