باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زەھەر چىكىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان داڭدار كىشىلەر (1)

2015.06.18 13:13   مەنبە: خەلق تورى

زەھەر چىكىش گۇمانى بىلەن قولغا  ئېلىنغان داڭدار كىشىلەر (1)

  1. 2015-يىلى 9-ئىيۇن چۈشتىن كىيىن سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چاۋياڭ رايۇنىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئەر زەھەر چەككەندىن كېيىن 8 -قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان. ساقچىلار ئۆلگۈچىنىڭ جىلىنلىق 32 ياشلىق رىياسەتچى بيەن x ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئۇنىڭ يېنىدىن ئىككى كىچىك بولاق كرىستال زەھەر ۋە پىپېتكا بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قېنىدا فېنىل ئالانىنئامىن ۋە مېتىل فېنىل ئالانىنئامىن بايقالغان . ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئادەمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ رىياسەتچى بيە سې، 2005 –يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى رىياسەتچى تاللاش مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە 5- بولغانىكەن. سۈرەتتە: رىياسەتچى بيەن سې

  2 . 2015-يىلى 10-مارت چۈشتىن كىيىن، بېيجىڭ ساقچىلىرى مىكرو بلوگ« تىنچ ئامان بېيجىڭ»دا ئاشكارىلىشىچە، ئارتىس جاڭ × ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدا زەھەر چېكىپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە يەنە ئارتىس ۋاڭ × ۋە مەلۇم ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ گۈزەل سەنئەت باش نازارەتچىسى خۇ xبار. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ۋاڭ × داڭلىق ئارتىس ۋاڭ شۆبېن، جاڭ × بولسا ئارتىس جاڭ بو ئىكەن.

  3. 2014-يىلى 18- ئاۋغۇست، بېيجىڭ ساقچى تەرپىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئارتىس فاڭ زۇمېڭ، كې جېندۇڭ قاتارلىقلار زەھەر چىتىشلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  4. 2014-يىلى 29- ئاۋغۇست، زەھەر چېكىش سەۋەبىدىن 14 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان تەيۋەنلىك ئەر ئارتىس كېجېندۇڭ بېيجىڭ لىدۇ مېھمانسارايدا ئەپۇ سوراش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.

  5. 2014-يىلى 18-مارت، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ناخشىچى لى دەيمو قاتارلىق 8 كىشى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. لى دەيمو، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرىدىن بولۇپ، «جۇڭگو ساداسى»نىڭ ماھىرى، چۈ ۋەنتىڭنىڭ«مىنىڭ ناخشامدا»دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ نام چىقارغان.

  6. 2011-يىلى 15- ئاپرېل، تەيۋەنلىك ئەر چولپان سۈن شىڭ زەھەر چىكىش گۇمانى بىلەن ساقچى تەرەپدىن تەكشۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغان. ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: شۇ كۈنى، سۈن شىڭ دوڭچېڭ رايۇنى جىنباۋ كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا، ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرگەن ئىكەن.

  7 . 2009-يىلى 19-ماي تاڭ سەھەردە مەن ۋېنجۈن توپلىشىپ زەھەر چېكىش گۇمانى بىلەن بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر قاۋاقخانىدا قولغا ئېلىنغان.

  8. 2012-يىلى 1-يانۋار سائەت 22دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ شۇنيى ساقچى تەرەپ ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن شۇنيى تيەنجۇدىكى بىر داچىدا زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگەن. ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، زەھەر چەككۈچى جاڭ X بىلەن گوڭ X نى چاقىرتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى جاڭ × دەل جاڭ گولىنىڭ ئوغلى جاڭ مو ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  9 . 2014-يىلى 4- ئاۋغۇست كەچ، بېيجىڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى چاۋياڭ رايونىدا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ زەھەر چەككەن دەپ گۇمان قىلىنغان گاۋ X، ئارتىس لى x قاتارلىق تۆت ئادەم تەكشۈرۈپ قولغا ئالغان. كىيىن گاۋ Xنىڭ دەل ئارتىس گاۋ خۇ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  10. 2014-يىلى 2-ئىيۇل، شياڭگاڭلىق ئارتىس جاڭ ياۋياڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم مېھمانسارايدا زەھەر چېكىپ تۇتۇلغان. ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرى ئىچىدىن نەشە بايقالغان بولۇپقولغا ئېلىنغان.

  11. 2014-يىلى 23- دېكابر ئىلگىرى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى« گۈزەل ساھىبجامال» نىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ جىڭباشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…