باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«بىباھا مەكتەپ فورمىسى» توغرىسىدا گۇمانلار كۆپ

2015.06.18 12:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى دوڭگۇەندىكى بىر داڭلىق مىكروبلوگدا «دوڭگۇەن ئوقۇغۇچىلار قەبىلىسى»دە مۇنداق يازما تارقىتىلغان ئىدى، يازمىدا «دوڭگۇەن چەتئەل تىللىرى مەكتىپىدە فورما تارقىتىشتىن ئىلگىرى فورمىنىڭ باھاسىنى ئېيتمىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ فورمىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئاندىن باھانى ئۇققانلىقى دېيىلگەن ئىدى». ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنداق قىممەت باھالىق مەكتەپ فورمىسىنى كىيەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بەس ـ بەستە مۇنازىرە قىلىشتى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەكتەپ بۇ قېتىم 12 خىل ئوخشىمىغان پەسىللەردە كىيىدىغان فورما تارقاتقان بولۇپ، جەمئىي 18 دانە كىيىمنىڭ باھاسى 2180 يۈەن ئىكەن. دوڭگۇەن شەھەرلىك چەتئەل تىللىرى مەكتىپىدىكى مەكتەپ فورمىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئول ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، مەكتەپ فورمىسى باھاسىنىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىر قانچە بۆلۈم بىرلىكتە بېكىتكەن ئىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە بۇ باھا ئۆلچىمى بۇ يىل دوڭگۇەن شەھىرىدىكى پۈتكۈل ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.

  گەرچە بۇ قېتىملىق مەكتەپ فورمىسى باھاسى مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا كىىشلەردە چۈشەنمەسلىك ھەتتا گۇمان پەيدا قىلغان.

  مەكتەپ فورمىسىنى ئوقۇغۇچىلار كىيىدۇ، شۇڭا باھا مۇۋاپىق بولۇشى، ئوقۇغۇچىلار كىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، نېمىشقا شۇنچە قىممەت بولىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قىممەت باھالىق فورمىنى كىيەلەمدۇ؟ بۇ شۈبھىسىزكى ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلىتىدۇ، قىسمەن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ھەتتا بۇ فورمىنىڭ پۇلىنى تۆلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىدى رەتلىك بولۇشقا شۇنداقلا ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىككى ئۈچ قۇر بولسىلا يېتەرلىك. بۈگۈنكى كۈندە 18 دانە مەكتەپ فورمىسى، پاسونى، تۈرى بەكلا كۆپ، بالىلار قانداق كېيىدۇ؟ كېيىپ بۇلالامدۇ؟ ئەجىبا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى كىيىم ـ كېچەك كۆرگەزمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش ئەمەسمۇ؟مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىستېمال ئوبيېكتى ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ فورمىسىنى سىتىۋىلىش ئوقۇغۇچى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، شۇڭا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەھۋالنى ئۇقۇش ۋە قارار قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئائىلە باشىقلىرىغا دېمەيلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باھا بېكىتىش ۋە كىيىم تارقىتىشقا بولمايدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، مەكتەپ تەرەپ بىر لايىھە ياكى تەكلىپ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى، تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇ قېتىم مەكتەپ شۇنداقلا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇنداق قىممەت باھالىق كىيىمنى تارقىتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولماي نېمە؟

  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چۈشەنمەسلىك ۋە گۇمان كىشىنى بۇ قېتىملىق سېتىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئويغا سالىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ يىل مەكتەپ فورمىسى سېتىش مەسلىسىدە چېرىكلىشىش مەسلىلىرى توختاۋسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا يەرلىكتىكى باشقۇرۇغۇچى تارماقلارنىڭ ئاممىغا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېيتىپ بېرىشىنى شۇنداقلا ئاممىنى رازى قىلالايدىغان جاۋاپنى بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ فورمىسى توغرىلىق بولۇۋاتقان قالايمىقان ھادىسىلەرنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەكتەپ فورمىسىنىڭ پاسونى، رەختى، سۈپىتى، باھاسى قاتارلىقلارغا بىر بەلگىلىمە بەلگىلەپ بېرىپ، ئىشنى باشتىن ـ ئاخىر نازارەت قىلىشىنى، زۈرۆر تېپىلغاندا مەكتەپ فورمىسىغا مائارىپ سېلىنمىسى سۈپىتىدە ئاممىۋى ئىقتىساد تولۇقلىمىسى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر