باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: خەلق ساقچىلىرى تاساددىپى زورۋانلىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، قورالنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، دېدى

2015.06.18 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېچىلغان تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ج خ خەلق ساقچىلىرى تاساددىپى زورۋانلىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، قورالنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى، ھەم ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشى، ھەم ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  ئاساسلىقى مەملىكەت بويىچە ج خ ئورۇنلىرىنىڭ 2015-يىللىق قورال تازىلاش-زوراۋانلىقنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق تېلېۋىزىيىلىك-تېلېفون يىغىنىدا، خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورۇنلىرى قورالغا، زوراۋانلىققا چېتىلىدىغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرى، شەخسىي چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ئەمەلىي مانىۋېرى بىلەن ئەمەلىي ماھارەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولغان قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى تولۇق سەپلەپ، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر