باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «پىكىر»نى تارقاتتى

2015.06.18 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توپلاپ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بيېجىڭ، 16- ئىيۇن تېلېگراممىسى. زۇڭلى لې كېچياڭنىڭ ئىمزالىق تەستىقى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار بىر قانچە سىياسەت- تەدبىر توغرىسىدىكى پىكرى»نى (تۆۋەندە «پىكىر»دەپ قىسقارتىلدى) تارقاتتى، بۇ پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، پۇقرالارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ھۆججىتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، پۇقرالارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، خەلقنىڭ بېيىش يولى، ئادىل پىلان، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى «ماتورى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، پۇقرالارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش، بويلىما ھەرىكەتلىنىش، ئادىل، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، پۇقرالارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتنى بوشىتىپ، بازارنى ئېچىۋىتىپ، سوبيېكتىنى جانلاندۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى توپلاش كېرەك. تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشنى ياخشىلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، پۇقرالارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق سىياسىي مۇھىت، تۈزۈم مۇھىتى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھاياتىنى كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىش، ئىشنى پۇختا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر