باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز مەركەز كارخانىسىنى تەكشۈرۈش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

2015.06.18 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 16-ئىيۇن مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ توققۇز مەركەز كارخانىسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ بولماسلىق، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرماسلىق، مەبلەغ سېلىشقا بولغان نازارەت ۋە باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق ھەم بەلگىلىمىگە خىلاپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دۆلەت مۈلۈكىنى يۇتۇۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى. بۇ-مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ بۇ يىل تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ تەكشۈرۈشىدە ئېلان قىلغان 2-تۈركۈمدىكى ئىنكاس ئەھۋالى ھېسابلىنىدۇ، بۇندىن بۇرۇن ئالتە مەركەز كارخانىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

  تەكشۈرۈشتە مەسىلە بايقالغان توققۇز مەركەز كارخانىسى-جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو دېڭىز نېفىتى شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەتلىك يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى، جەنۇب ئېلېكتىر تورى شىركىتى، دۆلەت ماشىنىسازلىق گۇرۇھى، جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەركەزنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، بۇ يىل 3-ئايدىن تارتىپ، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى يۇقىرىقى ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 مەركەز كارخانىسىنى مەخسۇس تەكشۈردى، بۇ-بۇ يىللىق مەركەزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشى. يېقىنقى مەزگىلدە، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى يۇقىرىقى ئورۇنلارغا تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاس قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر