باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى: نەنشادىكى قىسمەن ئاراللارنى تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشى يېقىندا تاماملىنىدۇ

2015.06.18 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇ كاڭ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدا قۇرۇلۇش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىنى ساقلاۋاتقان قىسمەن ئاراللاردىكى قۇرۇلۇشى يېقىندا تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە نەنشا تاقىم ئاراللىرى قۇرۇلۇشىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، ھىچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  نەنشا تاقىم ئاراللىرى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىش بولۇپ، قانۇن-قائىدىلەرگە ئۇيغۇن، ھىچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن جەنۇبىي دېڭىزدا بەھرىمەن بولالايدىغان يۈرۈش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىگە ھىچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوكيان ئېكولوگىيە مۇھىتىغىمۇ ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ، ئەيىپلەشنىڭ ئاساسى يوق.

  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىنىشىچە، مەشخۇلات پىلانىغا ئاساسەن، جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى قىسمەن ئاراللاردىكى تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشى يېقىندا تاماملىنىدۇ.

  جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى قۇرۇلۇشى لازىملىق ھەربىي مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشقا، خەلق ئېھتىياجىغا كۆپرەك مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دېڭىزدا قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئازايتىش، دېڭىز-ئوكيان پەن-تەتقىقاتى، ھاۋارايىنى كۆزىتىش، ئىكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش، يۈرۈش بىخەتەرلىكى، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىش تاماملانغاندىن كېيىنكى قەدەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارنى ھازىرلايدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر