باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى ئاببوت جۇڭگو- ئاۋىستىرالىيە ئەركىن سودا كېلىشمىنىڭ ئىمزالانغانلىقى توغرىسىدا ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2015.06.18 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 17- ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى ئاببوت جۇڭگو بىلەن ئاۋىستىرالىيەنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئاۋىستىرالىىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى»نى رەسىمىي ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئاۋىستىرالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقى جەھەتتە مول نەتىجە قازاندى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتى، گومانىتارلىق ئالاقىسى كۈنسېرى كۈچەيدى. ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىك جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى سۇپا ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم بىلەن كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساد-سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر