باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.06.18 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى زورايتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ؛ شەھەر، بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەر ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قارار قىلىندى؛ «ئۈچ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا قولايلىق يارىتىلدى؛ زور سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى زورايتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ؛ شەھەر، بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەر ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قارار قىلىندى؛ «ئۈچ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا قولايلىق يارىتىلدى؛ زور سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: نىشانلىق تەڭشەشنى يولغا قويۇش ۋە تەرەپلەر تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش جەريانىدا پائال ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. تۆۋەنلەش بېسىمىغا داۋاملىق ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خام ئەشيا باھاسى تۆۋەن بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈنۈملۈك» بولۇشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى زورايتىش كېرەك، بۇ مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىش، تەرەققىيات كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ساقلانما مەبلەغ جانلاندۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ نۇقتىلىق يېزا ئېلېكتىر تورى دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش، ئاشلىق ئامبىرى ئەسلىھەسى، شەھەر، بازار پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، شەھەر رايونىدىكى كونا سانائەت رايونى ۋە مۇستەقىل كان رايونىنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ۋە جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا غەربىي رايون تۈمۈريولى قاتارلىق يەتتە چوڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىشنى تېزلىتىش ئاساسىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال پىلانلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئوبورت، شەھەر رېلىسلىق قاتناشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تېز يولىنى بەرپا قىلىشقا يىتەكلەپ، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ،PPP تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قەرز پۇلىنى تەستىقلاشنى تېزلىتىش كېرەك. ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، داۋاملىق ئېشىشنى ساقلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر