- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلىتىمىز 1 مىليارد 339 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللىدى
2015.06.19 11:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتى رايونىمىزغا ئالتە تۈرلۈك مەركەز خامچوتىغا ئومۇمىي 1 مىليارد 339 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىدىكەن.3-تۈركۈمدىكى مەركەز خامچوتى 110 مىليۇن يۈەننى مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، رايونىمىزدىكى 56 يېزا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، 1848 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلارغا ياتاق سىلىپ بېرىلىپ 3600 نەپەر يېزىلاردىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قابىليەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2015-يىلى مەركەز خامچوتىدىن 210 مىليۇن يۈەن ئاجرىتىلىپ، رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر