باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش-مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى

2015.06.18 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 16-ئىيۇن مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى پارتگۇرۇپپىلىرىغا ئىنكاس قىلغان تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمەت نىزامى سىناق نۇسخىسى» جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، تەكشۈرۈش تىزىملىكى بىلەن نىزام سېلىشتۇرۇلۇپ، بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ساقلانغان بوشاڭلىق، بىپەرۋالىق مەسىلىسى ئاشكارىلاندى. مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، پارتگۇرۇپپا نىزامى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. مەركەز كارخانىلىرى پارتگۇرۇپپىلىرى تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئالىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى؛ ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشى؛ تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر