باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشالىسام، خەلق مەندىن رازى بولىدۇ»

2015.06.18 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (قەشقەر شەھىرى قىزىلدۆۋە يولى 440- قورۇ «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۆمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد) 15– ئىيۇن، 3- شى 49- تۇەن 13- ليەننىڭ ليەنجاڭى ئوسمان كېرىمنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم. بۇغداي ئۆڭلىك بۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن ئەقىل – پاراسەتلىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر چاغاندا يۇرتقا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇنجى قېتىم مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ بازىرىدا ئۇچرىشىپ قالغان ئىدۇق. شۇ چاغدا ئۇ ليەندۈيگە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا كەلگەنىدى. كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ماھىر، ئاق كۆڭۈل بۇ كىشىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەپ، ئىزچىل ليەنجاڭ ۋە سىياسىي يېتەكچى بولۇپ كەلگەنلىكى مېنىڭ كۈچلۈك ھۆرمىتىمنى قوزغىغانىدى.

  1966– يىلى 10- ئايدا 49- تۇەن 5- ليەندە تۇغۇلغان ئوسمان كېرىم «ئات تۇۋىقىدىن بىلىنەر» دېگەندەك يېشىغا يېتىپلا، ليەندىكى بىردەمەتلىك بالىلارنى يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئويۇنلارغا تەشكىللەيتتى. 1982- يىلى 7- ئايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نەچچە ئاي ئىچىدە گەمىلىك بازارلىرىدا يايما ئېچىپ، رەخت، لۆڭگىلەرنى سېتىپ، پايدىمۇ ئالدى، زىيانمۇ تارتتى. لېكىن دېھقانچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا يەر بۆلۈپ بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئوسمان كېرىم شۇنچە يىل جاپا تارتىپ، 90 كىلومېتىر يەرگە بېرىپ ئوقۇشۇم دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ دېگەن يېرىگە كەلمەي يۈردى. شۇ كۈنلەردە ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، ئۇنىڭ تاپقان پۇللىرى ئاينىمايۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بارا – بارا مۇقىم خىزمەت ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقاندا، 1982– يىلى 10- ئايدا تۇەن پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر تۈركۈم ياشلار ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىندى، ئوسمان كېرىممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. دەسلەپ يېڭى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ھەركۈنى سەھەر بالدۇر كېلىپ، ئىشخانىلارنى پاكىز تازىلاپ بىردەمدىلا ھەممەيلەننىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەمما ئۇ دىققىتىنى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدىن بىردەممۇ نېرى قىلمىدى. ئۇنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشكە بولغان قىزغىنلىقىنى سەزگەن پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئاخىرى ئۇنى يېنىغا تارتتى. ئۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەنىلا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مېتودىنى؛ دەرسنى ياخشى ئۆتۈش، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇش، دەرس ئاڭلاش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. ئوسمان كېرىم شۇ كۈنلەردە، مەكتەپتە ئاغرىپ قالغانلارنىڭ، جىددىي ئىشى چىقىپ قالغانلارنىڭ، ھەتتا رۇخسەت سورىغانلارنىڭ دەرسلىرىنى قەتئىي يات كۆرمەي ئۆتۈۋەردى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئۇنىڭ دەرس سائىتى بىر نەچچە سائەت ئېشىپ كېتىپ، ھالدىن كەتكەن چاغلارمۇ بولدى، لېكىن ئۇ قىلچە ۋايسىماي ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئۇ شۇ ئىشلىگەنچە سەككىز يىلغا يېقىن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ھەر يىلى خۇلاسىدە «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئىلغار خىزمەتچى» دېگەندەك شەرەپلەرگە نائىل بولدى. 1990- يىلى 6- ئايدا، خىزمەتلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئوسمان كېرىم تۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يۆتكەپ كېلىندى. يېڭى خىزمەت ئورنىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن تىل ئۆگىنىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، خەنزۇتىلىنى بېرىلىپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن كەسپىي بىلىملەرنى ئەتراپىدىكىلەردىن ۋە كىتابلاردىن ئېرىنمەي ئۆگەندى. نەچچە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا خەنزۇتىلدا باشقىلار بىلەن راۋان سۆزلىشەلەيدىغان، ھەم بىر قىسىم كەسپىي ئاتالغۇلارنى يېزىقتا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى يولداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۇ خىزمەتلەرنى بېرىلىپ ئىشلىگەندىن سىرت، يېنىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، ئۇلارغا دائىم ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئوسمان كېرىمنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆگىنىشى ۋە خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىشى بىلەن ئىلگىرى بېسىلىپ قالغان بىر نەچچە پارچە دېلومۇ بىر ياخشى تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە خىزمەتلىرىمۇ بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كەتتى.

  1994- يىلىغا كەلگەندە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنى تەربىيەلەش ئوبېيكتى قىلىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان 5- ليەننىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، ياچېيكا شۇجىلىقىغا تەيىنلەپ ئاساسىي قاتلام ئورۇنغا چۈشۈردى. يۇرتىغا كەلگەن ئوسمان كېرىم ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بىلەن ئېجىل – ئىناق ئۆتكەندىن سىرت، كىچىكلەرنى ئىنىسىدەك كۆرۈپ ئىززەتلىدى، چوڭلارنى بولسا ئاتا، ئاكا ھەمدە ھەدىسى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، كەڭ يۇرت خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ليەندۈينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈپ، تۇەن – مەيدان پارتكوم رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ياخشى باھاسىنى قولغا كەلتۈردى. ليەندۈينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان قىياپىتىنى تولۇق ئۆزگەرتتى.

  1998- يىلى تۇەن پارتكومىنىڭ رەھبەرلىرى ئوسمان كېرىم بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلەردە ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام تۇرمۇشىغا كۆنۈپ كەتكەن ئوسمان كېرىم ئۆزىنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇەن پارتكومى 1998- يىلى 11- ئايدا، ئۇنى 13- ليەننىڭ ليەنجاڭلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇ ليەندۈيگە كەلگەندە، ليەندۈي ياچېيكىسىنىڭ چېچىلاڭغۇ ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ليەندۇينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يوللىرى راۋان، ئورمان بەلباغلىرى رەتلىك، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ھازىرغىچە بۇ ليەننىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

  زىيارەت داۋامىدا، ئۇنىڭدىن سىز بىر ليەندۈينىڭ ئاساسىي رەھبىرى تۇرۇپ، شۇنچە يىل ئىشلەپسىز، يەنە سىزنىڭ قانداق ئويلىرىڭىز بار دەپ سورسام، ئۇ: توغرا، مەن ھازىرغىچە 20 يىلدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك ئورنىدا ئىشلەش داۋامىدا، ئەزەلدىن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە كۆز قىزارتمىدىم، تۈرلۈك ئامال – چارىلەرنى قوللىنىپ، ليەندۈيدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئەستايدىللىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ھەر ۋاقىت خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، «شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشالىسام، خەلق مەندىن رازى بولىدۇ»دېگەننى شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ كەلدىم، دېدى.

  ئۇ 2005- يىلى 5- ئايدا، 3- شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ 6- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخش بولۇپ باھالانغانىدى، بۇ ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ ليەندۈينى ئارىلاۋاتقىنىمدا بىرەيلەن ماڭا 2009- يىلى يۈز بەرگەن بىر ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. يوپۇرغا ناھىيەسىدە قاتىللىق سادىر قىلىپ، 49- تۇەنگە قېچىپ كېلىپ مۇكۇنۇۋالغان بىر قاتىلنى تۇتۇش داۋامىدا، بۇ قاتىلنىڭ 13- ليەندە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئوسمان كېرىم دەرھال ليەندۈيدىكى ياشلارنى تەشكىللەپ، تېزدىن ھەرىكەت قىلىپ، 3 سائەت ئىچىدە ئۇنى قولغا چۈشۈرۈپ، 15 كۈن قېچىپ يۈرگەن قاتىلنى ج خ ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ليەندۈينىڭ ئامانلىقى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئىشلىرى ھېلىھەم ليەندۈي كىشىلىرىنىڭ ئېسىدە ئىكەن.

  مەن زىيارىتىمنى تۈگىتىپ قايتىش ئالدىدا، بۇ ليەندىكى بىر خەنزۇ يولداشنىڭ 2009- يىلى 9- ئايدا، ئۆزىنىڭ ئون ياشلىق بالىسىنىڭ يىتىپ كەتكەندە، ئوسمان ليەنجاڭنىڭ پۈتكۈل ليەندۈي خەلقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىر كېچە ئىزدەپ تېپىپ بەرگەنلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى.

  مەن ماتېرىياللىرىمنى يىغىشتۈرۈپ، ئىشخانىدىن چىقىۋېتىپ ئىشخانىغا ئېسىلغان لەۋھە تاختىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ھەمدە ئوسمان كېرىمنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەريىلى «ئىلغار خىزمەتچى»، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»بولۇپ باھالىنىپ، نۇرغۇن شان – شەرەپلەرگە نائىل بولغانلىقىنى ئۇنىڭ ماتېرىيالىدىن بىلىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئۇزۇن يىل ئىشلەپمۇ ئۆكۈنۈشسىز ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەن ھالدا، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ئامەت ۋە بەرىكەت تىلەپ زىيارىتىمىنى ئاياغلاشتۇردۇم.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر