خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ19 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا شتاتى چارلىزدۇن شەھىرى ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە 17-ئىيۇن كەچ مۇشۇ شەھەردىكى بىر قارا تەنلىكلەر چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىپ 9 ئادەمنى ئۆلتەرگەن ئاق تەنلىك جىنايەتچىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا قولغان ئېلىنغان .
چارلىزدۇن شەھىرى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېرگ موللېن شۇكۈنى مۇخبىرغا دېيىشىچە، بۇ دىلودىكى جىنايەت گۇماندارى جەنۇبىي كارولىنا شتاتى لېسسىتون بازىرىدىكى 21 ياشقا كىرگەن ئاق تەنلىك ئەر دېرىن راف ئىكەن. راف 17-ئىيۇن كەچ چارلىزدۇن شەھىرىدىكى چېركاۋدا بىر سائەتكە يېقىن دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئوق چىقىرىپ، 6 قارا تەنلىك ئايال ۋە 3 قارا تەنلىك ئەرنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى