باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مايۈننىڭ نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەن نوتۇقى

2015.06.18 11:35   مەنبە: خەلق تورى

مايۈننىڭ نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەن نوتۇقى

    مەنبە: خەلق تورى، ئالىم راخمان تەرجىمىسى

  بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ كېلىپ نوتۇقۇمنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلىماپتىكەنمەن، ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن.

  بۇ يەردە تۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك مۇھىم، مەسئۇلىيىتىمنى شۇنچىلىك ئېغىر ھېس قىلىۋاتىمەن، سىلەرگە رەھمەت! 

  نوتۇقنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن، ئولتۇرغانلاردىن قانچىلىك كىشى ئالىبابانىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سوراپ باقسام؟  

  ئانچە كۆپ ئەمەسكەن. ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا قانچىلىك كىشى  جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان؟ 

  20يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا قەدەم باسقىنىمدا، ئامېرىكا ساياھىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى سېئاتىل بولدى. ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئاساسلىقى كىتاب، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانامدىن ئامېرىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئۆزۈمنى ئامېرىكىنى ئىنتايىن چۈشىنىمەن دەپ ئويلايتتىم. ئەمما بۇ زېمىنغا قەدەم باسقان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ پۈتۈنلەي خاتالاشقىنىمنى ھېس قىلدىم. ئامېرىكا جەمئىيىتى مەن كىتابتىن چۈشەنگىنىم بىلەن قەتئىيلا ئوخشىمايدىكەن. سېئاتىلدا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئېنتىرنېت تورى بىلەن ئۇچراشتىم.   مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوستلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ ئېنتىرنېت تورى شىركىتىدىن بىرنى ئاچماقچى بولغىنىمنى ئېيتتىم. 24دوستۇمنى چاقىرىپ، ئىككى سائەت مۇلاھىزە قىلدۇق. ئاخىرىدا مېنىڭ قىلماقچى بولغىنىمنى ھېچكىم چۈشەنمىدى. بېلەت تاشلىدۇق، 23كىشى قارشى تۇردى. دوستلىرىم «ئۇنى ئۇتۇپ كەت، ئېنتىرنېت تورى دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق نەرسە قەتئىي مەۋجۈد ئەمەس، ھەرگىز سىنايمەن دېمىگىن» دەپ نەسىھەت قىلىشتى. پەقەت بىرى ماڭا: «مايۈن، ساڭا ئىشىنىمەن، نېمە قىلماقچى بولغىنىڭنى بىلمىسەممۇ، ئەگەر قىلماقچى بولساڭ، قورقماي قىلغىن، چۈنكى سەن تېخى ياش» دېدى. شۇ يىلى مەن 30ياشتا ئىدىم.   مەنبە: خەلق تورى

  ھېچقانداق كومپىيوتېر، سودا بىلىمىم يوقلا ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىۋەتتىم. بىرىنچى شىركىتىمنى قۇرغاندا مەن بىلەن بىللە ئايالىم ۋە يەنە بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. بىز ھەر تەرەپكە قاتراپ مىڭ دوللار جەملىدۇق. ئىگىلىك تىكلەش يولى بەكمۇ مۇشەققەتلىك بولدى. شۇ چاغدا  قارىغۇ يولۋاس ئۈستىگە مىنىپ قالغان ئەما كىشىگە ئوخشاپ قالغان ئىدىم. 20يىللىق بوران چاپقۇن ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئامان قالدىم. ئەمما ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىلى تۇرمۇشۇم بەكلا ناچار ئۆتتى. ئېنىق ئېسىمدە، بانكىدىن 3000دوللار قەرز ئالماقچى ئىدىم، بۇنىڭغا ساق ئۈچ ئاي سەرپ قىلىپ، بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمنى ئىشقا سالدىم، لېكىن يەنىلا قەرز ئالالمىدىم. ھەممەيلەن مېنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ دېيىشتى. چۈنكى 1996-يىلى ئۇلار ئېنتىرنېت تورى دېگەن بۇ نەرسىنىڭ مەۋجۈد ئىكەنلىكىگە تېخى ئىشەنمەيتتى.   مەنبە: خەلق تورى

  1996-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى بىر كۈنى، جۇڭگو ئېنتىرنېت تورىغا رەسمىي ئۇلاندى. تاراتقۇ ساھەسىدىكى 10دوستۇمنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا يالغان سۆزلىمىگەنلىكىمنى، ئېنتىرنېت تورىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۈد ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولدۇم. بىر پارچە سۆرەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ يېرىم سائەت كەتتى. كۆپچىلىك: «بۇ نەرسە راستلا ئاقارمۇ؟» دېدى. مەن: «ھەئە، ئاقىدۇ، ھازىر بولمىسد كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە»، دېدىم. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مېنىڭ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىمنى ئىسپاتلىدى.   مەنبە: خەلق تورى

  ئېنىق ئېسىمدە، بىر كىچىك شىركەتلەرگە ياردەملىشىپ توردا ماللىرىنى سېتىشنى سىناپ باقتۇق، لېكىن ھىچكىم كېلىشنى خالىمىدى. چۈنكى تېخى بىرەر كىشى توردا مال سېتىۋالمايتتى. شۇڭا بىرىنچى ھەپتىسى بىزنىڭ 7خادىم ئۆزى سېتىپ ئۆزى ئالدى. ئىككىنچى ھەپتىسى بەزىلەر بىزنىڭ سۇپىمىزدا نەرسىلىرىنى سېتىشقا باشلىدى. بىز ئۇلارنىڭ ساتقان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدۇق. ئىككى ئېغىز ئۆيىمىز ئىككى ھەپتىدە سېتىۋالغان نەرسىلەر بىلەن لىق تولدى، كۆپىنچىسى ھېچقانداق لازىمى يوق نەرسىلەر ئىدى. بۇ پەقەتلا كۆپچىلىككە ئېنتىرنېت تورىنىڭ ئاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىدى. بىراق بۇ بەكمۇ مۈشكۈل ئىدى. 1995-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىگىلىك تىكلىشىمىز مەغلۇب بولدى، چۈنكى بىرمۇ شەرت ھازىرلانمىغان ئىدى.   مەنبە: خەلق تورى

 


  1999-يىلىغا كەلگەندە، 18دوستۇمنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلدىم، يەنە بىر قېتىم سىناپ باقماقچى بولدۇق ھەمدە تور نامىنى alibaba.comدەپ ئاتىدۇق. كىشىلەر نېمىشقا ئالىبابا دەپ ئاتىغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز ئېنتىرنېت تورىنىڭ خۇددىي بىر گۆھەر غەزىنىسىگە ئوخشاش، كىچىك كارخانىلارغا كۈنجۈت ئىشىكىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىسىمنى يېزىش ئاسان، ئېغىزغا كېلىدۇ. قىلماقچى بولغىنىمىز كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ئىدى.   مەنبە: خەلق تورى

  ئۇ چاغلاردا ئامېرىكا ئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭ چوڭ شىركەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. لېكىن ئۇچاغدىكى جۇڭگودا ئۇنچە چوڭ شىركەت يوق ئىدى، لېكىن نۇرغۇن كىچىك شىركەتلەر بار ئىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش شۇنچىلىك قىيىن ئىدى. ئەگەر ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق بۇ كىچىك شىركەتلەرگە ياردەم بېرەلىسەك بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى.   مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرگە ياردەم بېرىشكە ئادەتلەنگەن، بۇ خۇددىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاسكېتبول ئويناشقا ئۇستا بولغىنىدەك. بىراق جۇڭگودا بىز تىكتاكتوپ ئويناپ، ئاشۇ كىچىك شىركەتلەرگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. قىلىدىغىنىمىز كىچىك شىركەتلەرگە ياردەملىشىپ چىقىمنى تېجەش ئەمەس، چۈنكى ئۇلار چىقىمنى قانداق تېجەشنى بىلىدۇ، ئۇلار ئۆگىنىشكە تىگىشلىك بولغىنى قانداق قىلىپ پۇل تېپىش. شۇڭا بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ئىزچىل كىچىك شىركەتلەرنىڭ توردا پۇل تېپىشىغا ياردەم قىلىش بولۇپ كەلدى.   مەنبە: خەلق تورى

  ئالىبابا شىركىتىنىڭ 102يىلغىچە مەۋجۈد بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلەر قىزىقىپ، نېمىشقا 102يىل ئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ. چۈنكى ئالىبابا 1999-يىلى بارلىققا كەلگەن، ئالدىنقى ئەسىردە بىر يىلنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ئەسىر توپتوغرا 100يىل، كېيىكى ئەسىردە يەنە بىر يىلنى باشتىن كەچۈرسە، ئۈچ ئەسىرنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىمىزگە بەرگەن ئېنىق سېگنال. قانچىلىك پايدا ئېلىشىمىز، قانداق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز ئاللىقاچان مۇۋەپپەققىيەت قازىنىپ بولدۇق، دەپ قاراشقا بولمايدۇ.   مەنبە: خەلق تورى

  102يىل مەۋجۈد بولۇش ئارزۇيىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ھازىرغىچە ئاران 16يىل ئۆتتى، ئالدىمىزدا يەنە 86يىل بار. بۇ 86يىلنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقتىدا شىركەت ۋەيران بولسا بىز مۇۋەپپەقىيەتتىن ئېغىز ئاچالمايمىز. بۇ كۇلۇبنىڭ (نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبى) 108يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. مەن ناھايىتى ھەيران بولدۇم. بۇنىڭدا چوقۇم ئالىبابا ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار.

  ھېچكىم ئالىبابانىڭ داۋاملىق مەۋجۈد بولۇشىغا ئىشەنمەيتتى. ئىلگىرى كىشىلەر: «سىلەرنىڭ سۇپا ھەقسىز، شىركىتىڭلار شۇنچە كىچىك ئىكەن» دېگەنىدى. بولۇپمۇ پايچىكىمىز ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان ۋاقىتتا كىشىلەر يەنە: «سىلەر ئالىبابا ئېلېكترونلۇق سودا قىلىدىكەنسىلەر، خۇددىي ئامازوندەك». بەلكىم ئامازون ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى بىردىنبىر ئېلېكترونلۇق سودا ئەندىزىسى بولۇشى مۇمكىن، بىراق بىزنىڭ ئوخشىمايدۇ.   مەنبە: خەلق تورى

  بىز ئامازونغا ئوخشىمايمىز، بىز ئۆزىمىز سودا قىلمايمىز، بىز ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ سودا قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز. ئالىبابا سۇپىسىدا ئون مىليون كىچىك كارخانا ھەركۈنى سودا قىلىدۇ. بىز ئۆزىمىز يەتكۈزۈپ بەرمەيمىز، بىراق ھەر كۈنى ئىككى مىليون ئادەم بىزگە 30مىليون پوسۇلكىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىسكىلاتىمىز يوق، بىراق بىز ئاشۇ ئوتتۇرا-كىچىك تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە ياردەم قىلىپ تۈمەنلىگەن ئوبۇرۇت ئىسكىلاتلىرىنى باشقۇرۇپ بېرىمىز.   مەنبە: خەلق تورى

  بىزنىڭ ھېچقانداق تاۋار ئامبىرىمىز يوق. بىراق بىزنىڭ 350مىليون خېرىدارىمىز بار، ھەر كۈنى 120مىليوندىن ئارتۇق ئىستىمالچى تورىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى سېتىش سوممىمىز 390مىليارد دوللار بولدى. بۇ يىل سېتىش سوممىمىز ۋولمارتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىش سوممىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بىلىشىڭلار كېرەككى، ۋولمارت ئىككى مىليون 300مىڭ خىزمەتچى ئىشلەتتى، بىراق بىز پەقەت 18كىشىدىن 34مىڭ كىشىگە كېڭەيدۇق.   مەنبە: خەلق تورى

  ئامازون بىلەن ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يېرىمىز، ئامازون بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزى، ئامازوندا ياقتۇرغىنىڭىزنى سېتىۋالىسىز، سېتىۋالغىنىڭىز كۆرگەزمە قىلىنغىنىغا ئوپمۇ-ئوخشاش، بىراق ئالىبابادا كۆرگەزمە قىلىنغان سۆرەت بىلەن قولىڭىزغا ئالغان بۇيۇم ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، كىشىلەر ئەجەبلەنگەن ھالدا «بۇنىڭ ئوخشاش بولمىغىنى نېمىسى؟» دەپ سورىشىدۇ. بىراق ئۇلار بۇ خىل مال سېتىۋېلىش ھېس-تۇيغۇلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.   مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكىدا ئېلېكترونلۇق سودا بىر خىل سودا، ئەمما جۇڭگودا ئېلېكترونلۇق سودا كىشىلەرنىڭ بىر خىل تۇرمۇش شەكلى. كىشىلەر ئۆز ئىدىيەلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئىشەنچ ئورنىتىدۇ، شەخسىي ئىناۋەت خاتېرىسى ئورنىتىدۇ. خۇددىي ستارباكسقا ئوخشاش، ستارباكسقا بېرىشىڭىز ئۇنىڭ قەھۋەسىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى تېتىپ بېقىش ئەمەس، بەلكى بۇ بىر خىل تۇرمۇش شەكلى. بۇ ھەم ئېنتىرنېت تورىدا ئېلېكتورونلۇق سودىنىڭ جۇڭگونى ئۆزگەرتكەن يېرى.   مەنبە: خەلق تورى

  پەخىرلىنىدىغان يېرىمىز ھەرگىزمۇ بىزنىڭ قانچىلىك نەرسە ساتقىنىمىز ئەمەس. ئالدىدا دەپ ئۆتتۈم، بۇ يىل پۈتۈشۈش سوممىمىز ۋولمارتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ، شۇنداق، بۇنىڭدىن بىز پەخىرلىنىمىز. ئالىبابا كەلگۈسىدىكى بەش يىلدا پۈتۈشۈش سوممىسى بىر تىرىللىيون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ بىزنىڭ نېشانىمىز، بۇ نېشانغا يېتەلەيمىز دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە. تېخىمۇ پەخىرلىنىدىغىنىمىز. جۇڭگونى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا 14مىليون ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگىنىمىز. جۇڭگو يېزىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىى ياراتتۇق، جۇڭگو ئاياللىرى ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتۇق. جۇڭگو ئېنتىرنېت تورىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ساتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار %51تىن ئاشىدۇ.   مەنبە: خەلق تورى

  بۇ ئىشلار ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز. بەزىلەر يەنە مۇنداق دەيدۇ، ئالىبابا بۇلارنى قىلالىدى، بىراق كېيىنكى پىلانچۇ؟ ئالىبابا ھەممە يەردە بار، لېكىن كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچىسىلەر؟ بۈگۈنكى %80تىن ئارتۇق توردىكى سودىنى ئالىبابا ياراتقان، كەلگۈسىدىكى نېشانىمىز شۇكى، ئالىبابانىڭ مۇلازىمىتىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىش. بۇ ھەرگىزمۇ ئەڭ بەك مال ساتالايدىغان شىركەت بولۇش ئەمەس. بىز ئېلېكترونلۇق سودا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يەرشارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.   مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا. جۇڭگونىڭ ئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭ زورىيىش سۈرئىتى نېمىشقا شۇنچە تېز؟ چۈنكى جۇڭگونىڭ سودا ئۇل قۇرۇلۇشى بەكلا ناچار. ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغىنى، سىلەرنىڭ ماشىناڭلار بار، ۋولمارت ۋە كمارت (Kmartئامېرىكا زامانىۋىي تاللا بازىرى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىسى) بار. لېكىن جۇڭگودا بۇنداق ياخشى ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز يوق.

  ئېلېكترونلۇق سودا ئامېرىكىدا تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق-تۈرۈمگە ئوخشاش، ئاساسىي سودىنىڭ قوشۇمچىسى. بىراق جۇڭگودا ئېلېكترونلۇق سودا ئاللىقاچان ئاساسلىق تاماق بولۇپ قالدى. بىز ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق. شۇڭا ئەگەر بىز پۈتۈن ئېلېكترونلۇق سودىمىزنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى پۇل تۆلەش قورالى، ئوبۇرۇت مەركىزى ۋە ئاشكارا بولغان سودا سۇپىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەرشارىلاشتۇرالىساق، پۈتۈن يەرشارىدىكى كىچىك شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى دۇنيانىڭ  بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سېتىشىغا ياردەم قىلالايمىز، پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلالايمىز.   مەنبە: خەلق تورى

  بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە، دۇنيادىكى 2مىليارد ئىستىمالچىنىڭ توردا پۈتۈن دۇنيادىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا 72سائەت ئىچىدە تاۋارنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا ياردەم قىلىش، جۇڭگو ئىچىنىڭ قايسى جايىدا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، 24سائەت ئىچىدە مالنى تاپشۇرۇۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. ئالىبابانىڭ يەرشارىلىشىش ئىستراتېگىيەسى يەنىلا كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن سودا قىلىشىغا ياردەم بېرىشتۇر. بىز ئۆزىمىزنىڭ سودا سۇپىسىدا باشقا 10مىليون كىچىك كارخانىغا ياردەم بېرىمىز.   مەنبە: خەلق تورى

 


  بىز بۇ كىچىك كارخانىلارغا كۈچ قوشىمىز. بىز ئۇلارنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىمىز، ئۇلارنى پۇل تۆلەش سېستىمىسى، ئوبۇرۇت ۋە يەتكۈزۈش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيمىز، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا تېخىمۇ تېز ۋە قولايلىق ھالدا مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. بىز جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى جايلاردىكى كەسپنىڭ ئومۇمىي كەسپنىڭ %40نى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق ھازىر چەتئەلدىكى كەسپىمىز ئاران %2نى ئىگىلەيدۇ.   مەنبە: خەلق تورى

  بەلكىم كىشىلەر سورىشى مۇمكىن، ھازىر ئالىبابا زورايدى، يەنە زور مىقتاردا مەبلەغ يىغدى. سىلەر ئامېرىكىدا نېمە قىلىسىلەر؟ ئامېرىكىغا كېلەمسىلەر؟ ئەگەر ئامېرىكىغا كەلسەڭلار، بۇ ئامېرىكىغا تاجاۋۇز قىلغىنىڭلار بولامدۇ؟ مايۈن قاچان كېلىپ ئامازون بىلەن رىقابەتلىشىدۇ؟ قاچان ئىباي (ئامېرىكىدىكى مال سېتىش تورى) بىلەن رىقابەتلىشىسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە بىز ئىباي ۋە ئامازونغا ھۆرمەت نەزىرىمىز بىلەن قارايمىز. ۋاھالەنكى بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز دەل ئالىبابانىڭ كېيىنكى قەدەم ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى كىچىك شىركەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىگە، ماللىرىنى جۇڭگوغا سېتىشىغا ياردەم بېرىشتۇر.   مەنبە: خەلق تورى

  بۈگۈنكى جۇڭگودا ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ سانى ئامېرىكا نوپۇسى بىلەن ئاساسەن تەڭ، كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگودا 500مىليون نوپۇس ئوتتۇرا قاتلامغا ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە چوڭ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ئۇلارنىڭ ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۆتكەن 20يىلدا جۇڭگو ئىزچىل ئىكىسپورت قىلىشقا كۈچىدى، قارىشىمچە كېلەركى 10دىن 20يىلغىچە جۇڭگو دىققىتىنى ئىمپورت قىلىشقا قارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىمپورت قىلىشنى ئۆگىنىشى، قانداق ئىستېمال قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. جۇڭگو ئىستېمال قىلىشى كېرەك، پۈتۈن يەرشارىدا ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ كىچىك كارخانىلىرى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.   مەنبە: خەلق تورى

  ئۆتكەن 20يىلدا ئامېرىكىنىڭ چوڭ شىركەتلىرى ئاللىقاچان جۇڭگونى قاپلاپ بولدى. ئامېرىكىدىكى كىچىك شىركەتلەرگە نىسبەتەن، ئېلېكترونلۇق سودىدىن ياخشى پايدىلىنىش بىر چوڭ پۇرسەت. ئالىبابا نۇرغۇن ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا سېتىشىغا ياردەم بەردى. سېئاتىلدىكى گىلاس بىر ياخشى مىسال. ئويلاپ يېتەلمەيسىلەر، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېلىپ مەندىن: «مايۈن، بىزگە ياردەم قىلىپ، سېئاتىلدىكى گىلاسلارنى سېتىشىپ بېرەلەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇ چاغدا گىلاسلار تېخى دەرەختە ئىدى، بىز ئالدىن ساتتۇق، جۇڭگودىكى 80مىڭ ئائىلە بۇلارنى تالىشىپ زاكار قىلدى. گىلاسلارنى ئۈزۈپ 24سائەت ئىچىدە جۇڭگوغا يۆتكەپ ئېلىپ كەلدۇق، جۇڭگودىكى 80مىڭ ئائىلە 160توننا گىلاسنى بىردەمدىلا تالىشىپ تۈگەتتى. بۇلتۇر بىز 300توننا گىلاس ساتتۇق، بۇ يىل يەنە قانداق خوشاللىنارلىق سان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.   مەنبە: خەلق تورى

  بىز يەنە ئوخشاشلا ئالياسكىدىكى يېڭى تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىپ بېرەلەيمىز، كانادانىڭ چوڭ راكلىرىنى سېتىشىپ بېرەلەيمىز. سېتىپ چىقارغان راكلارنىڭ سانى ئۇلارنىڭ 10يىلدا ساتقىنىدىنمۇ كۆپ. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ سۇپىمىزدا سېتىلدى. كوستكو تاللا بازىرى سۇپىمىزغا كىرگەن بىرىنچى ئايدا 600توننا قاتتىق مېۋە ساتتى، سودا سوممىسى 6مىليون 500مىليون دوللارغا يەتتى. چوڭ راك، گىلاس سېتىشىپ بېرەلىگەنكەنمىز، سىستېمىمىز ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ زور مىقتاردىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىغا ياردەم بەرسەك نېمىشقا بولمىغۇدەك؟   مەنبە: خەلق تورى

  مەن يەنە بىر كۈنلۈك سان-سېفىر ئارقىلىق بىر مىسال كەلتۈرەي، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگونىڭ بويتاقلار بايرىمى. ئالىبابا بۇ كۈننى مال سېتىۋېلىش بايرىمى قىلدى. ئۆتكەن يىلى 11-نويابىردا سودا سوممىمىز 9مىليارد 700مىليون دوللارغا يەتتى. بىرىنچى مىنۇتتىلا ئىككى مىليون 400مىڭ ئىستېمالچى كىردى. بۇ يىل بۇ سان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمىز. شۇڭا بۇمۇ مېنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىغا كېلىشتىكى مەقسىتىم __ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق.   مەنبە: خەلق تورى

  ھەر كۈنى يۈز مىليونچە «ئېچىرقىغان» ئىستېمالچىلار ئالىبابا سۇپىسىغا كېلىپ مال سېتىۋالىدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ بۇيەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز، بىز رىقابەتلەشكىلى كەلمىدۇق، بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز «پۈتۈن يەرشارىدىكىلەر سېتىۋېلىش، پۈتۈن يەرشارىدىكىلەر سېتىش»، كەلگۈسى 10دىن 20يىلغىچە، نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق جاينىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتالايسىز. فېلىپپىنلىقلار نورۋىگىيەنىڭ سالمون بېلىقىنى سېتىۋالالايدۇ، نورۋىگىيەلىكلەر مەھسۇلاتلىرىنى ئارگېنتىناغا ساتالايدۇ، ئارگېنتىنالىقلار جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ، ھەمدە مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ساتالايدۇ. بۇ ئېنتېرنېت تورى ئۆزگىرىشىنىڭ يۆنىلىشى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئالىبابا جۇڭگونى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.   مەنبە: خەلق تورى

  بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىدىن كېيىن، دۇنيادا يېڭى بىرخىل سودا تەشكىلىي شەكلى بولغان زاۋۇت بارلىققا كەلدى، بۇ زاۋۇتلار قورال ۋە كۈچ ئېلىپ كەلدى، ئاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىككىنچى قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ، دۇنيادا يەنە يېڭى بىر خىل سودا تەشكىلىي شەكلى بولغان شىركەت بارلىققا كېلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى.   مەنبە: خەلق تورى

  ئېنتېرنېت تورى دەۋرىدە، ئۇچۇر دەۋرىدە، يېڭى بىر خىل سودا تەشكىلىي شەكلى بولغان سۇپا بارلىققا كەلدى دەپ قارايمەن. «ئۈچۈنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى»مۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشلىنىدۇ. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ كېسەللىككە، نامراتلىققا ۋە كېلېمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۇرۇش. مېنىڭچە بۇ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى. بارلىق ئىنسانلار، بارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىشى كېرەك.   مەنبە: خەلق تورى

  قورالغا ئەمەس، بەلكى ياش بىر ئەۋلاتلارغا تايىنىش، ھېسابلاش ماشېنىسى ۋە چوڭ سېفىرغا تايىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ مەن قىلىشنى خالايدىغان ئىش، بۇ پۇل بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئارزۇ. دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغىنى پەقەت تېخنىكىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى سىزدىكى دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولۇشىغا ئىشىنىدىغان ئارزۇدۇر. بىز بۇ يولنىڭ ئۇزۇن ھەم قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئىلگىرى دېگىنىمدەك، ئۆتكەن 20يىلدا جۇڭگودا ئېنتېرنېت تورى سودىسى قىلىش بەكمۇ مۈشكۈل بولدى، بۈگۈن ئىنتايىن مۈشكۈل، ئەتە تېخىمۇ مۈشكۈل، بىراق ئۆگۈنلۈككە ناھايىتى گۈزەل بولىدۇ. بىراق تىرىشمايدىغان كۆپ ساندىكى كىشى ئەتە كەچتە ئۆلۈپ كېتىدۇ! 

  كۆپچىلىككە رەھمەت! 

  مەنبە: خەلق تورى


  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…