- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
2015.08.03 16:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مائارىپ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن « گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» دە تەلەپلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى« ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى ۋە نومۇرنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر » نى تارقاتتى. ھازىر، ھەرقايسى ئۆلكىلەر مەملىكەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى 11تۈردىن 5 تۈرگە ئازايدى، 2018-يىلىغا بارغاندا، يەرلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى 2014-يىلى 95 تۈردىن 35 تۈرگە ئازىيىدۇ، 63%چۈشىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015-يىلى، بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار سانى ئۈچ مىڭغا يېقىن ئازايغان، شەنشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار سانى پەقەت 23 . بۇلتۇر نۇمۇر قوشۇشقا ئالاقىدار چىرىكلىك دېلوسى يۈز بەرگەن لياۋنىڭدا بولسا 2015 - يىلىدىن باشلاپ تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر