باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 3 - قېتىملىق ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى

2015.08.21 13:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 3 - قېتىملىق ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 16 - ئاۋغۇست باشلانغانىدى. بۇ قېتىمقى ئارزۇ تولدۇرۇش تولۇق كۇرس تۈركۈمى بويىچە ئاخىرقى قېتىملىق ئارزۇ تولدۇرۇش بولۇپ، مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىدە يەنە ئىككى قېتىم تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللىنىدىكەن، بۇ قېتىملىق تولۇقلاپ تولدۇرغان ئارزۇغا 17 - ، 18 - ئاۋغۇست ئارخىپ چىقىرىلدى.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ قېتىم ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرغاندا، تولۇق كۇرس تۈركۈملىرىدە ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇش بىلەن بىللە، كېيىنكى تۈركۈم يەنى مەخسۇس كۇرسنىڭ 0 -، 1 - تۈركۈمىدىكى مەكتەپلەرگە تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرغان. ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارخىپ چىقىرىلغاندا، نومۇر سىزىقى ئۈستىدە يەنىلا ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمىسە، نومۇر سىزىقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغاچقا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنىڭ نومۇر سىزىقىغا يېتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر