- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
2015.07.22 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21 - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەن مەبلىغىگە ئېرىشكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەش بازىسى قۇرۇلۇشى مەركەزنىڭ 363مىليون يۈەن مەبلىغىگە ئېرىشكەن. قۇرۇلۇش تۈرلىرى جەمئىي 12 تۈرلۈك بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى180مىڭ كۋادرات مېتىر. شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، سانجى ئىنستىتۇتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالتە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ۋە قوشۇمچە ئۆي قۇرۇلۇشى نۇقتۇلۇق قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر