باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ ئۆزگەرتىشنى قېلىپلاشتۇىدۇ

2015.08.25 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئارقا–ئارقىدىن تىزىمغا ئالدۇرشقا باشلىدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى يېقىندا « 2015-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئېلېكترونلۇق رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ، بەلگىلىمىلىرىگە ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا تەلەپ قىلىنىدىغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كىملىك، نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ سالاھىيەت كىنىشكىسى قاتارلىق ماتېرىيال ۋە يېزىقچە ئارخىپ، قوبۇل قىلىش تىزىملىكى، ئېلېكترونلۇق ئارخىپنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇش كېرەك؛ قوبۇل قىلىشتا ئېتىبار بېرىلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بىرىشتا بەھرىمەن بولغان ئوقۇغۇچى، ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن تۈرلۈك مەخسۇس پىلاندا قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ سالاھىيەت شەرتىنى قايتا قاراپ چىقىش. مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسى سەنئەت، تەنتەربىيە كەسپى ياكى سەنئەت، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئالاھىدە تۈردىكى قوبۇل قىلىنغان

  ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپكە كىرىشتە كەسپ جەھەتتە قايتا ئۆلچەش كېرەك. ساختىپەزلىك قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سالاھىيىتىگە، قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتى ئېلېكترونلۇق رويخەتكە ئېلىنماسلىقى كېرەك ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر