ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىر بايراق قوغدىغۇچى ئەترەت، ئۈچ مىلتىق تۇتقانلار چاسا ئەترىتى، يەتتە مىلتىق ئاسقانلار چاسا ئەترەتتىن تەشكىللەنگەن 11 پىيادىلەر چاسا ئەترىتى قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار سەككىزىنچى ئارمىيە، يېڭى تۆتىنچى ئارمىيە، شەرقىي شىمالدىكى بىرلەشمە تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى پارتىزانلار ئەترىتى قاتارلىق 4 گۇرۇپپا بويىچە، ‹‹لاڭياشەندىكى بەش قەھرىمان››، ‹‹پىڭشىڭگۈەن ئۇرۇشىدىكى زەربىدار روتا››، بەيتۈەن ئۇرۇشىدىكى ‹‹نەيزە-قىلىچ قەھرىمانلار روتاسى››، ياڭمىڭغا كېچىدە ھۇجۇم قوزغىغان ‹‹زەربىدار نەمۇنىلىك ليەن››، ‹‹يەنمېنگۇەندىكى يوشۇرۇن زەربىدار قەھرىمانلار ليەنى››، ‹‹مۇستەھكەم قەھرىمانلار ليەنى››، ‹‹شەرقىي شىمالدىكى بىرلەشمە تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى››، ‹‹ جەنۇبىي جۇڭگو پارتىزانلار ئەترىتى››، قوراللىق ساقچى قىسىم ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىكى نەمۇنە قىسىمى چاسا ئەترەتلىرىنى نامايان قىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى