جىلىندا تۈرمە باش تېمىسىدا بىر تاماقخانا بولۇپ، خېرىدارلار تۆمۈر قەپەس ئىچىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىكەن، مۇلازىمەتچىلەر تاماقلارنى ‹‹تۈرمە ئىشىكى›› دىكى كىچىك ئېغىزدىن خېرىدارلارغا سۇنۇپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تاماقخانا يەنە مەخسۇس تۈرمە يۈرۈشلۈك تائاملىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تائاملار ئىچىدە قوناق جىڭمومىسىمۇ بار ئىكەن. كۆپ قىسىم خېرىدارلار بۇ خىلدىكى ‹‹تۈرمە تۇرمۇشى›› غا قىزىقىپ بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلگەن. تاماقخانا غوجايىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماقخانىنى بۇنداق بېزەشتىكى سەۋەب خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر ئاھالىلىرىگە جىنايەت ئۆتكۈزمەسلىكنى ئەسكەرتىش ئىكەن.