باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ

2015.07.30 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا خەلقئارا» ئابونېنتلار كۆزنىكىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدىكەن. شىنخۇا خەلقئارا ئابونېنتلار كۆزنىكىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئۇچۇر يېقىندا رۇسىيە مائارىپ، ئىلىم-پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ناتالىيە ترېتياكنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» دەپ ئاتالغان رۇسىيە بىر تۇتاش دۆلەت ئىمتىھانىدا 2016-يىلىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىنى چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن.

  ترېتياك: بۇ رۇسىيەنىڭ ھەممە رايونىدا خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت بۇنىڭغا قىزىقىدىغان ياكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بىرقەدەر ئومۇملاشقان رايونلار بۇ پىلانغا كىرگۈزۈلىدۇ، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىنى تەسىس قىلىش موسكۋا، ساينت پېتىربۇرگ، يىراق شەرق ۋە خاروۋسك چېگرا رايونىدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ. ھازىر، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە تېخنىكىلىق تەرتىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر