خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋەر قىلىدۇ) بىڭتۈەن 3- شى پەيزاۋات باش مەيدانىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىم ئېغىر قىيىنچىلىق تارتسا ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشىدىغان، ئىللىق مېھىردىن كىشىلەر باھار ھىدى ھېس قىلىدىغان ئۆزگىچە كەيپىيات بارلىققا كەلدى.
باش مەيدان ئىچىدىكى خىزمەتچى، تىجارەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن 20 ئايال 2011- يىلدىن بۇيان ھەر ئايدا قاتار چاي ئۆتكۈزۈش، قاتار چاي پۇلىنى يەپ- ئىچىش، ئەيىش- ئىشرەتكە سەرپ قىلماي، مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي قېيىنچىلىق تارتقان ئوقۇغۇچى، ئىشچى-دېھقانلارغا خالىس ياردەم قىلىش پائالىيتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، 4 يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بىلەن ئاجىزلارغا مەدەت بەردى. قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇنى پۈككەن بۇ ئانىلار يەنە 24- ئاۋغۇسىت 1500 يۈەن پۇلنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇشتىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئازاتگۈل مەمتىمىنگە يەتكۈزدى.
باش مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن «ئىللىق باھار» مېھرىبان ئانىلار فوندى جەمئىيىتىمۇ 24-ئاۋغۇست مەكتەپتىكى 21 نەپەر نامرات، يېتىم ئوقۇغۇچىغا 2100 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، 8-لىيەندىكى ئازاتگۈل مەمتىمىننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا 1000 يۈەن بەردى.
سۈرەتتە: باش مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى، ئىلغار ئوقۇتقۇچى ئاسىمگۈل بۇرادىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئازاتگۈل مەمتىمىننىڭ ئوقۇشىغا مەدەت بەرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى