باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 495مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

2015.08.24 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئايرودرومنىڭ تېزلىكتە قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزغا 495مىليون يۈەن خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىيات فوندى ئاجرىتىپ بەرگەن بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى بۇ مەبلەغنى ئاجرىتىپ بولدى.

  2014-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئايرودرومدىن جەمئىي17سى باربۇلۇپ، شىنجاڭ ئايرودرومىنىڭ قاتناش ۋە باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2015-يىلىدىكى ئايرودروم قۇرۇلۇش پىلانىنى بويىچە، بۇ يىل يەنە يېڭىدىن ئىككى تارماق لىنىيە ئايرودروم، ھەمدە ھازىر بار بولغان تۆت ئايرودرومنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ.بۇ يىل مەركەزدىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن مەبلەغ ئاساسلىقى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى 2-ئۇچۇش يولىنى يېڭىدىن ياساش ۋە كورلا، قۇمۇل ئىككى تارماق لىنىيە ئايرودرومى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا 15 ئايرودرومنىڭ ئوت مۇداپىئە، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر