باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

2015.08.24 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى، ئالاتاۋ پورتى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىدىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاپتونوم رايونىمزدىكى ئۈچىنچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى قۇرۇشنى يېقىندا رەسمىي تەستىقىلىغان. تاموژنا رەسمىي ئېتىلىپ تىجارەت قىلىنسا، ئۈرۈمچى ئاھالىسى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايوندا تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق تاۋار كۆرگەزمىسى سودا مەركىزىدە ئىمپورت قىلىپ بىۋاسىتە سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىلىدىغان داڭلىق ماركىلىق ئەتىر، سومكا، قول سائىتى قاتارلىق ئېتىبار باھالىق چەت ئەل ماللىرىنى سېتىۋالالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى ئۈرۈمچى بىلەن سانجىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلىشىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول كونتېينېر مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېقىن ئىكەن.

  ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى خەلقئارالىق سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، ئېكسپورت ئۈچۈن پىششىقلاش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ رايوندا چەت ئەل ماللىرىنى باجدىن خالىي رايونغا كىرگۈزۈپ باجدىن خالىي قىلىش؛ ماللار باجدىن خالىي رايونىنىڭ سىرتىدا سېتىلسا، ماللارنى ئىمپورت قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھەم ماللارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ باج ئېلىش؛ دۆلەت ئىچىدىكى ماللارنى باجدىن خالىي رايونغا كىرگۈزۈشتە، ئېكسپورت مال بىلەن ئوخشاش قاراپ، باج قايتۇرۇش؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى مال سودىسىدا قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى ئالماسلىق قاتارلىق باج سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە، يەنە يېمەك – ئىچمەك، ياتاق، پۇل مۇئامىلە، تىرانسپورت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك ئاھالىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى يادرولۇق شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى جۇغراپىيەلىك ئورنى ياكى تەدبىر ئىستراتېگىيەسى جەھەتتە بولسۇن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم مەركىزىي رايونى. ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى شىمالدىن جەنۇبقىچە ئالاتاۋ پورتى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يانداش رايونى (باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ) ۋە قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى بىر باجدىن خالىي رايونلار توپىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشىكنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش، غەربكە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر