باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن خەلق رايى ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.21 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدا راۋ يىڭچى باشچىلىقىدىكى تەيۋەن خەلق رايى ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر مۇستەھكەملەش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، 92 –يىلىدىكى ئورتاق تونۇش، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش لازىم. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە بەخت سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەننىڭ ئاساسى قاتلىمىدىكى ئاممىنىڭ نەپكە ئېرىشىش دائىرىسىنىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداش لازىم. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئىككى قىرغاق ئالاقە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر