باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە جامائەت سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى

2015.08.20 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا زامانىۋى ئوبوروت كەسپىي قۇرۇلۇشىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان تىجارەت مۇھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھەرىكەت تىزىسى» ئارقىلىق، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچى ۋە جەمئىيەتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىللىقى، چىدامچانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: زامانىۋى ئوبوروت كەسپىدىن ئىبارەت بۇ خەلق ئىگىلىكى چوڭ كەسپىنى كۈچەيتىش ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالنى يەنىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل «توسالغۇ»لارنى قەتئىي تازىلاپ، مەرمۇرىي ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئادىل رىقابەتنى چەكلەش ياكى چەتكە قېقىشنى توسۇپ، بازاردىكى ئەۋزەل ئورنىدىن پايدىلىنىپ، نامۇۋاپىق ھەقلەرنى يىغىش ياكى نامۇۋاپىق سودا شەرتلىرىنى مەجبۇرىي تەسىس قىلىشنى توسۇپ، ئىجتىمائىي ئوبوروتنىڭ ئومۇمىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرگە چەت ئەڭ مەبلەغلىرىنىڭ كىرىشىگە قويۇلغان چەكنى بوشاشتۇرۇپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى جۇڭگودا سېتىۋېلىش، سېتىش قاتالىق فونسكسىيەلىك رايون مەركىزى تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئوبوروت ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، «ئالاقە تورى+ئوبوروت» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوبوروت كارخانىلىرىنى تارمىقىدىكى ئەمەلىي گەۋدە دۇكانلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، مۇلازىمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە بىلەن تور بازىرىنىڭ برلىكتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ چەت ئەللەردە سېتىش، چىقىم-راسچوت ۋە ساقلانما ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، ئوبوروت كارخانىلىرىنى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈكۈملەپ سىرتقا چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئوبوروت ساھەسىدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانا مەھسۇلات سۈپىتى ۋەدە تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، دورا قاتالىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە بىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان تاۋارلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەنبەسىنى ئىزدەپ تاپقىلى، سېتىلغان جايىنى تەكشۈرگىلى، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان ئومۇمىي مۇساپىلىق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. سودا ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئوبوروت ئەسلىھەرلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى قاتارلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت مىخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، مەھەللە كۆكتات بازىرى، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى يىغىش ئورنى قاتارلىق ئاز پايدا ئالىدىغان تىجارەت ئەسلىھەلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ راۋان ئوبوروت «غول لىنىيەسى» ئارقىلىق، ئىستېمالنىڭ جانلىنىشى ۋە تەرەققىياتنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر