باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

7-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا-لاتىن ئامېرىكىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى يېپىلدى

2015.08.24 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇنبىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 21-ئاۋغۇست كوستارىكانىڭ سانخوسې ئۆلكىسىنىڭ ئېسكازۇ شەھىرىدە يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر «سانخوسې خىتابنامىسى»نى ماقۇللاپ، ئىككى رايوننىڭ ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەقىقىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  «ئىككى رايون، بىر ئىستىقبال» بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى يىن خېڭمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ رايون ھالقىغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى، مۇنبەرنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاشقا ئائىت بىر مەخسۇس ھۆججەت ماقۇللاندى ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش جەھەتتە ئەمەلىي قەدەم تاشلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئىلگىرىلەش.

  شەرقىي ئاسىيا-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنى 1998-يىلى 10-ئايدا سىنگاپور بىلەن چىلى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر